شى جىنپىڭ خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ قالدى

خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، شى جىنپىڭ كۆپ ساقلاپ تۇرمايلا تۈنۈگۈن خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن جېجياڭ ئۆلكىسىگە بارغان.
فىرانسىيە خەلقئارا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە شى جىنپىڭنىڭ 23-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن تېلېۋىزىيە يىغىنىدىلا ئىقتىسادىي تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىراۋاتقانلىقى، بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئەمما خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان بولۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەن ئاخىرلاشقانلىقىغا شۈبھە بىلەن قارىغان. مەسىلەن: خىتايدىكى بارلىق كىنوخانىلار بىر نەچچە كۈن ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتىدىن تولۇق تاقالغان. شاڭخەيدىكى داڭلىق ئاممىۋى سورۇنلارمۇ قايتىدىن تاقالغان. خىتاي ساياھەت مىنىستىرلىكى يەنە 27-مارت ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بارلىق ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋاقتىنچە تاقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، خەلقئارادىكى يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبلىك زاكاز بولمىغاچقا، ئېكسپورتقا تايىنىدىغان زور تۈركۈمدىكى زاۋۇت-كارخانىلار ئىش باشلىيالمىغان. بىر قىسىم زاۋۇتلار خىزمەتچىلىرىنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ خەۋەر 434 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2020 13:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق