خىتاي ۋىرۇس ھەققىدە يەنە يالغان خەۋەر تارقاتتى

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى 29-مارت «ئامېرىكىلىق ئالىملار ۋىرۇسنىڭ ھەرگىزمۇ ۋۇخەندىن تارقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە ئامېرىكا تۇلېين ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى روبېرت گەرىي (Robert Garry)نىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى سۆزى نەقىل قىلىنغان.
پىروفېسسور گەرىي ئەسلى سۆزىدە «ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋىرۇسنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئەمەس» دەپ ئېيتقان بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ سۆزنى بۇرمىلاپ، «ۋىرۇسنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋۇخەن ئەمەس» دەپ قەستەن خاتا تەرجىمە قىلغان.
بۇ خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خاتا تەرجىمە ئارقىلىق يالغان خەۋەر تارقىتىشى ئەمەس بولۇپ، ئالدىنقى يىلىمۇ تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىنى قەستەن خاتا تەرجىمە قىلىپ، زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان.
نۆۋەتتە خىتاي ۋىرۇسنىڭ قەيەردىن تارقالغانلىقى سەزگۈر سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ نامى ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلار يۈز بەرمەكتە. گەرچە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ۋە باشقا ئەمەلدارلار «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنى توختاتقان بولسىمۇ، خەلقئارادىكى يەنە بىر قىسىم تاراتقۇلار «ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى» دېگەن يېڭى ئاتالغۇنى قوللىنىشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 569 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2020 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق