خىتاينىڭ تېببىي بۇيۇملىرى تۈركۈملەپ قايتۇرۇلۇشقا باشلىدى

خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇمنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خەلقئارادا يۇقۇمغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش دىپلوماتىيەسىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، بىلدۈرۈشىچە، 80دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا ماسكا ۋە سىناق قۇتىلىرىنى سېتىپ بەرگەن ياكى ئىئانە قىلغان. ئەمما كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇ تېببىي بۇيۇملارنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، قايتۇرۇۋېتىشكە باشلىغان.

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى 28-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن سېتىۋالغان بىر مىليون 300 مىڭ تال ماسكىنىڭ يېرىمىنى دۆلەت ئىچىگە تارقىتىپ بولغانلىقىنى، ئەمما سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغانلىقىنى بايقاپ، يىغىۋېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي فىلىپپىنغا 100 مىڭ تال سىناق قۇتىسى ئىئانە قىلغان بولۇپ، فىلىپپىننىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى 28-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم سىناق قۇتىلىرىنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنىڭ ئاران %40كە يېتىدىغانلىقىنى، بۇلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، سىناق قۇتىلىرىدا ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى، فىلىپپىن ئەمەلدارىنىڭ ئاساسسىز سۆز قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
چېخمۇ خىتايدىن زاكاز قىلغان 150 مىڭ تال سىناق قۇتىسىنىڭ سۈپەتسىز ئىكەنلىكىنى، توغرىلىق نىسبىتىنىڭ ئاران %20 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ چېختىكى باش ئەلچىسىمۇ ئوخشاشلا بۇنى ئىنكار قىلىپ، تېببىي بۇيۇملارنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە يوقلۇقىنى، چېخ تەرەپنىڭ بۇلارنى توغرا ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى، تاراتقۇلارنىڭ كۆپتۈرۈپ خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسپانىيەمۇ خىتايدىن 430 مىليون دوللارلىق تېببىي بۇيۇم زاكاز قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى سىناق قۇتىلىرىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ئارانلا %30 چىققان بولۇپ، سەھىيە تارماقلىرى ئىشلىتىشنى توختاتقان ۋە مال قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇلاردىن سىرت تۈركىيە، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ سىناق قۇتىلىرىنىڭ سۈپەتسىز ئىكەنلىكىنى، خاتالىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 474 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2020 12:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق