خىتاي ۋىرۇسى خىتايلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك دولقۇنىغا سەۋەب بولدى

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خەلقئارادا تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ ماڭغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قىسىم دوكلاتلار ئېلان قىلىنغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ بىر سۈنئىي ئىدراك تەتقىقات شىركىتى 27-مارت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك تىۋىتتېردا خىتايلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك، تىل-ھاقارەت سۆزلىرى %900 كۆپەيگەن بولۇپ، خىتايلارنىڭ ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكى، پۈتۈن دۇنياغا ۋىرۇس تارقاتقانلىقى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان. خىتايلار سەۋەبلىك باشقا ئاسىيالىقلارغا بولغان ئۆچمەنلىكمۇ كۈچەيگەن.
تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، يۇقۇمغا ئالاقىدار مەزمۇنلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، تىۋىتتېردا كىشىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى سەۋەبلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تىۋىتتېردىن باشقا يەنە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ۋە ئويۇن سۇپىلىرىدىمۇ خىتايلارنى ھاقارەتلەيدىغان، كەمسىتىدىغان سۆز-ئىبارىلەر ھەسسىلەپ كۆپەيگەن.

بۇ خەۋەر 696 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2020 12:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق