نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: دوكتور دىلمۇرات تىلىۋالدى

دوكتور دىلمۇرات تىلىۋالدى

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

ئەركىن سىدىق

 

خىزمىتى ياكى كەسپىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا چىقىشقا تېگىشلىك بەزى كىشىلەر ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئۇلاردا زۆرۈر بولغان تالانتلارنىڭ ھەممىسى بار تۇرۇپمۇ، يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. پەيلاسوپ رالف ۋالدو ئېمېرسون (Ralph Waldo Emerson) ئاشۇنداق كىشىلەرنى چۈشىنىپ، مۇنداق دېگەن: «تالانتنىڭ ئۆزى بىر كىچىك پەردازلىغۇچى ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىدىغان ئويۇنغا ئوخشايدۇ. ئۇنىۋېرسال ھەقىقەت ئۈچۈن خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلدۇرۇلغان تالانت ئاشۇ تالانتنىڭ ئىگىسىنى يېڭى بىر ھوقۇق پەللىسىگە چىقىرىدۇ».

تالانتنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلامدۇ؟ شۇنداق، ئەمما پەقەت ئىشنىڭ بېشىدىلا شۇنداق قىلىدۇ. رومان يازغۇچى چارلىس ۋىلسون (Charles Wilson) مۇنداق دەيدۇ: «بوتۇلكىنىڭ چوڭلۇقى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايماق ھەر دائىم ئەڭ ئۈستىگە چىقىدۇ». تالانت ھەممىدىن بەك گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەڭ بېشىدا تالانت سىزنى باشقىلاردىن پەرقلىق ئورۇنغا ئېرىشتۈرىدۇ. سىزنى باشقىلاردىن بەكرەك ئىلگىرىلىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەبىئىي تالانت ھاياتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سوۋغىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ پايدىسى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ياشايدۇ. كومپوزىتور ئېرۋىڭ بېرلىن (Irving Berlin) بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ، مۇنداق دېگەن: «مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدىكى ئەڭ قىيىن ئىش شۇكى، سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشىڭىز كېرەك. بۇ جەھەتتە تالانت پەقەتلا بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ بېرەلەيدۇ. سىز يەنە ئۆز تالانتىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ».

كۆپلىگەن تالانتلىق كىشىلەر دەسلىپىدە ئىش باشلىغاندا باشقىلارغا قارىغاندا ئەۋزەلرەك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز تالانتىنى تەرەققىي قىلدۇرماي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆز تالانتىغا مىنىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پايدىلىق ئورنىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇلار «پەقەت تالانتىملا مېنىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىشىمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. باشقىلار تالانتقا مىنىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئۇلار چۈشەنمەيدۇ. تالانت ئۇلار ئويلىغاندىن بەكرەك ئومۇملاشقان نەرسىدۇر. داڭلىق يازغۇچى ستىۋىن كىڭ (Stephen King) مۇنداق دەيدۇ: «تالانت تاماققا سالىدىغان تۇزدىن ئەرزانراق تۇرىدۇ. تالانتلىق كىشىلەر بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان نەرسە تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت». كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش تالانتتىن باشقا نەرسىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى مەزمۇن مەن «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (9)» دېگەن ماقالىدە تونۇشتۇرغان جون ماكسۋېل (John C. Maxwell)نىڭ «ماكسۋېل كۈندىلىك ئوقۇشلۇقى» دېگەن كىتابىنىڭ 115-بېتى (13-ئاپرېل)نىڭ مەزمۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىڭ»دىن ئىبارەت. مەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەزمۇننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئۆزۈم بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان «مۇۋەپپەقىيەت تالانت، تىرىشچانلىق ۋە پۇرسەتتىن ئىبارەت ئۈچ نەرسىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ» دېگەن «مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسى» بىلەن بىردەك ئىكەن، دېگەن تونۇشقا كەلدىم.

مەن ئەمدى رەسمىي مەزمۇننى باشلاپ، يەنە بىر يېڭى قېرىندىشىمىزنى تونۇشتۇرىمەن. ئۇ مەن تونۇشتۇرغان 41-كىشى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى تالانت بىلەن تىرىشچانلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر يېڭى مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، يۈكسەك غايە ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن قاتتىق تىرىشىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىسىز. بۇ ئىنىمىز ئۆزى، يۇرتى ۋە خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئۇلۇغۋار نىشان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىغان ھەمدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن.

 

بىخەتەرلىك سىستېمىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور دىلمۇرات تىلىۋالدى (ياپونىيە)

 

ئىنىمىز دىلمۇرات تىلىۋالدى 1969-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل يېزىسىدا دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تىلىۋالدى قاسىم ھاجىم ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىن. ئانىسى رەيھانگۈل سىدىق ئىلى ۋىلايىتى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ پەنجىم يېزىسىدىن. دىلمۇراتنىڭ ئاتا-ئانىسى «شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى»نى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ئېقىمى بويىچە تارىم ۋادىسىغا، يەنى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل يېزىسىغا تەقسىم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئېيتىشىچە، دىلمۇراتنىڭ ئاكىسى ئالتە ياشقا كىرگەندە ئۇنى مەكتەپكە بەرگەن. دىلمۇرات «مەكتەپكە ئاكام بىلەن بىرگە بارىمەن» دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرۇۋالغان. ئۇ ۋاقىتلاردا يەسلى بولمىغاچقا، دىلمۇراتنىڭ ئاتىسى ئۇنى بەش يېشىدىلا ئاكىسىغا قوشۇپ قويغان. ئويلىمىغان يەردىن دىلمۇرات ئىمتىھانلاردا 100 نومۇردىن چۈشمىگەن. شۇنىڭ بىلەن دىلمۇرات ئاكىسى بىلەن بىرگە ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. ئۆز يۇرتى ئىلى ۋادىسىنى زادى ئۇنتالمىغان ئانىسى رەھبەرلىكتىن غۇلجىغا يۆتكىلىپ كېتىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. ئاخىرى 1978-يىلى دىلمۇرات 4-سىنىپقا چىققاندا ئانىسىنىڭ يۇرتى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ پەنجىم يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن.

دىلمۇرات پەنجىم يېزىسىدا تولۇقسىز 3-يىللىققا چىققان چېغىدا گەرچە ئۆگىنىش نەتىجىسى سىنىپنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تېخىمۇ ئوبدانراق مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئۇنى غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپكە بەك تەستە يۆتكىگەن (7-ئوتتۇرا ئىلگىرى «ئىستالىن ئوتتۇرا مەكتىپى» دەپمۇ ئاتىلاتتى). شۇ يىللىرى ئىلى ۋىلايىتى بويىچىلا ئەمەس، ئۇيغۇر دىيارى بويىچىمۇ ئوقۇش سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى، نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ ھېسابلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن 13 يېشىدىلا ئۆيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاشقا باشلىغان دىلمۇرات غۇلجا شەھىرى مەدرىسە كوچىسى ئەتراپى (بۇرۇنقى 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپى)دا ئولتۇرۇشلۇق مەرەمنىساخان ئىسىملىك بىر تەقۋادار، ئاقكۆڭۈل ياشىنىپ قالغان ئايالنىڭ ئۆيىدە ئىككى يىل، ئانىسىنىڭ ئاكىسى ئوسمانجان سىدىق (رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!)نىڭ ئۆيىدە بىر يىل يېتىپ-قوپۇپ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. 7-ئوتتۇرىغا يۆتكىلىپ كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي چارەكلىك ئىمتىھان ئېلىنغان بولۇپ، دىلمۇرات ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە خىمىيە دەرسلىرىدە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، پەنجىم ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىدىكى پەرقنىڭ نەقەدەر چوڭلۇقىنى ھېس قىلغان. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. ھەتتا پەنجىمگە قايتۇرۇپ ئەكەتمەكچى بولغان. دىلمۇرات ئۇلارغا يالۋۇرۇپ، ئازراق پۇرسەت بېرىشنى ئۆتۈنۈپ، بەك تەستە ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان. شۇ چاغلاردا سىنىپتىكى بىر قىسىم «بايۋەچچە، شاڭخوچى بالىلار» ئۇنى «پەنجىملىك سەھرالىق» دەپ دائىم زاڭلىق قىلىشقان. دىلمۇرات قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئۆزىنى بۇ شەھەرلىكلەرگە بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولغان. ئۇ چاغلاردا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بەكلا تۆۋەن بولغاچقا، ھەممە ئادەم ئىنتايىن ئىقتىسادچانلىق بىلەن تىترەپ تۇرۇپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. مەرەمنىساخان چوڭ ئانىسى گەرچە دىلمۇراتقا بەك ئامراق بولسىمۇ، توك پۇلىنى تېجەش ئۈچۈن كەچ سائەت توققۇز بولغاندا دەرھال توكنى ئۆچۈرۈپ، يېتىشىنى تەلەپ قىلاتتى. دىلمۇرات سائەت توققۇزدا يالغاندىن ئۇخلىۋالغان بولۇۋالاتتى-دە، ئازراق ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، مەرەمنىساخان چوڭ ئانىسى ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئاستا قوپۇپ، توكنى ياندۇرۇپ، يەنە ئىككى-ئۈچ سائەت ئوغرىلىقچە ئۆگىنىش قىلاتتى. بۇنى مەرەمنىساخان چوڭ ئانىسى بىلمەيتتى (كېيىنكى كۈنلەردە دىلمۇرات خىزمەتكە چىقىپ، مەرەمنىساخان چوڭ ئانىسىنى يوقلاپ بارغاندا بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا دەپ بەرگەندە، ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ، يىغلاپ كەتكەن ۋە دىلمۇراتقا ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئالارنى قىلغان. رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! نۇر ئىچىدە ياتقاي، ئامىن!).

دىلمۇرات كىرلىرىنى قول بىلەن ئۆزى يۇيغان. مەرەمنىساخان چوڭ ئانىسىغا ياردەملىشىپ، ھەر كۈنى چېلەك بىلەن ئۆيگە سۇ توشۇغان، ھويلىلارنى سۈپۈرگەن، قىش كۈنلىرى ئۆگزىدىكى قارلارنى تازىلىغان. ئۆيدىن كىچىك ئايرىلىش ئۇنىڭدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىل ياشاش ھەمدە قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى ياراتقان. دىلمۇرات دەرستە ئىنتايىن تېز ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، ئىككىنچى يىلىدىكى نەتىجىسى بىراقلا سىنىپتىكى ئالدىنقىلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

دىلمۇرات 1985-يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان (شۇ يىلى شەرقىي تۈركىستان بويىچە جەمئىي 20 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان). ئۇ چاغدا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا بېرىپ، ئىككى يىل خىتايچە تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇش شەرت ئىدى. تەييارلىقنى پۈتتۈرگەن يىلى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى» بىلەن شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدىكى توختام بۇزۇلۇپ، دىلمۇراتنىڭ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارىدىغان ئىشى يوق بولغان. شۇ يىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان 30 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىن دەرس نەتىجىسى ۋە ئۆز تەلىپىگە ئاساسەن، يەتتە ئوقۇغۇچى تاللىنىپ، شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. دىلمۇرات بولسا شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتىرلەشكەن مائارىپ فاكۇلتېتىغا تەقسىملەنگەن. ئۇ شۇ خۇشاللىقى بىلەن تەتىلدە يۇرتقا قايتقان. ئۇ ئاتا-ئانىسىغا بۇ خۇشاللىقنى بالدۇرراق يەتكۈزۈشنى ئويلايتتى. ئەمما غۇلجىغا بېرىپ كۈتمىگەن بىر شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان: دىلمۇراتنىڭ ئانىسى ئۇ كېلىشتىن 11 ئاي بۇرۇن، يەنى 1986-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 42 يېشىدا راك كېسەللىكى سەۋەبلىك بەش بالىنى تاشلاپ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ئىدى. دادىسى ۋە تۇغقانلار ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە دەخلى يېتىپ قالمىسۇن دەپ، بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا يەتكۈزمىگەن. ھەتتا بېيجىڭدا بىرگە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرى ۋە ئۇستازلىرىمۇ دىلمۇراتنى ئاياپ، ساق 11 ئاي بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن سىر تۇتۇپ كەلگەن. نېمە دېگەن مېھرىبان ساۋاقداشلار-ھە! ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن.

ئانىسىنىڭ ياش ئۆلۈمى ئۇنى ئېغىر ئازاب ۋە قايغۇغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىرادىلىك بولۇشىغا سەۋەب بولدى. دىلمۇرات بەش بالا بىلەن قالغان بىچارە دادىسىنىڭ يۈكىنى بالدۇرراق يەڭگىللىتىشنى ئويلايتتى. ئالتە ياش ۋە سەككىز يېشىدىلا يېتىم قالغان ئىككى كىچىك سىڭلىسىغا بەكلا ئىچى ئاغرىيتتى. ئۇ يىغا-زار ئىچىدە تەتىلنى توشقۇزۇپ، 1987-يىلى 9-ئايدا شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېتىپ كەلدى.

دىلمۇراتنىڭ ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى مۇشۇ يەردىن باشلاندى. شۇ چاغدا شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپون تىلى تەييارلىق مەكتىپىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلىرىدىن تاللانغان ياش ئوقۇتقۇچىلار ياپونغا ئوقۇشقا چىقىش ئۈچۈن ياپون تىلى ئۆگىنىۋاتاتتى. باشقا ئوقۇغۇچىلار ئۇلاردىن بەك پەخىرلىنەتتى. مەكتەپتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇلارغا ھەۋەس قىلىپ، ئېغىزلىرىنى چاكىلدىتاتتى. دىلمۇرات ئالىي مەكتەپتىكى تۆت يىللىق ھاياتىدا ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان بۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىر ئاشخانىدا تاماق يېيىش ۋە بىر قىسىم پائالىيەتلەردە بىرگە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە دوكتور ئۆمەرجان ساۋۇت (ھازىر ياپونىيەدە)، دوكتور ئابدۇغوپۇر ئابدۇكېرىم (ھازىر ياپونىيەدە) ۋە دوكتور دىلشات ئابلا (ھازىر ياپونىيەدە)لەرنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تەسىرى زور بولدى (ئۇ قېرىنداشلار ياپونىيەدە ھازىرمۇ دىلمۇراتنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولماقتا). دىلمۇراتنىڭ قەلبىگە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چوقۇم ياپونغا چىقىپ ئوقۇشتىن ئىبارەت بىر كۈچلۈك ئوت كىرگەن ئىدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا دىلمۇرات ئۆز خىراجىتى بىلەن ياپونغا ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى بىر ئادەمنىڭ مائاشى بىلەن بەش بالىنى ئاران ئوقۇتۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىقىشتىن ئىبارەت بىرلا يول بار ئىدى.

دىلمۇرات 1991-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، «ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىنستىتۇتى»غا خىزمەتكە چىقتى. پۈتۈن خىيالى بالدۇرراق ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىش ئىدى. خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلىرى ياپون تىلىنى ئاساسلىق، ئىنگلىز تىلىنى قوشۇمچە ئۆگىنىش بىلەن ئۆتەتتى. سومكىسىدىن ياپون تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى كىتابىنى ئايرىمايتتى. ئاپتوبۇسلاردا، مەكتەپتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىغىنلاردا ۋە ئۆچرەت ساقلىغان چاغلاردا بۇ كىتابلارنى ۋاراقلايتتى. ھەتتا ئۆيىنىڭ ھاجەتخانىسىغىمۇ ياپون تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى سۆزلۈكلىرى قويۇقلۇق ئىدى. ئۇنىڭ ياپونغا چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە قانچىلىك بەدەل تۆلىگىنىنى ئاللاھتىن قالسا ئۇنىڭ قەيسەر دادىسى تىلىۋالدى قاسىم ھاجىم، سۆيۈملۈك ئايالى گۈلنار مىجىت ۋە ئۆزىلا بىلەتتى. دادىسى ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارقا تىرىكى، ئايالى ئۇنىڭ ئەڭ سادىق ياردەمچىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

دىلمۇرات 1996-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپون تىلى مەكتىپىگە بېرىپ، بىر يىل ياپون تىلى ئۆگىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. بۇ بىر يىل ئۇنىڭ ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ئوبدان پۇرسەت بولدى. ئۇ ياپون تىلىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. بولۇپمۇ ياپونچە سۆزلىشىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، دەرھال مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇراھمان (ھازىر ئامېرىكىدا) بىلەن بىرلىشىپ، «ياپون تىلى كۇرسى» ۋە «ئىنگلىز تىلى كۇرسى» ئاچتى (دوكتور ئابدۇراھمان ئىنتايىن تىرىشچان، زېھنى ئۆتكۈر، كەلگۈسىگە زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرى). ئۇلارنىڭ مەقسىتى شۇ دەۋردىكى ياشلارنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىش ئىدى. ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە ياپون تىلى ئۆگىنىش كۇرسلىرى ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى. كۇرسنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ چەت ئەل تىلى سەۋىيەسىمۇ خېلى تەرەققىي قىلدى. بۇ كۇرسنى دىلمۇرات تاكى 2001-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىققانغا قەدەر داۋاملاشتۇردى.

 2001-يىلى 5-ئايدا دىلمۇرات ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ياپونىيەنىڭ توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر يىللىق ئوقۇشقا چىقىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. ياپونغا كەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى دىلمۇرات ئۆزى تۇرۇشلۇق ھىگاشى ماتسۇياما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-قېتىملىق چەت ئەللىكلەرنىڭ ياپون تىلى لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدە ياپونغا كەلگىنىگە 7-8 يىل بولغانلارمۇ بار بولۇپ، بۇ نەتىجىدىن دىلمۇراتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ ياپوندا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدا ياپوندىكى ئىككى چوڭ ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش تەشكىلاتى، يەنى «يونەياما روتارىي ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش تەشكىلاتى» (米山奨学金) ۋە «توكيو چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش تەشكىلاتى» (とうきゅう外来留学 生奨学金)نىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ نەتىجىلەرنى ئۇ يالغۇز «تەلىيىم كەلدى» دەپ ھېسابلىمىدى. بۇنىڭغا ياپونلارنىڭ «ئىنسان تەقدىرىنى %50 تىرىشچانلىق، %50 تەلەي بەلگىلەيدۇ» دېگەن سۆزى جاۋاب بولالايدۇ، دەپ ئويلايتتى. دىلمۇرات ياپونىيەگە كېلىپ، تەۋرەنمەس ئىرادىلىك، ئىنتايىن كەسكىن ۋە ئىنتايىن «رەھىمسىز»، بۇرۇندىنلا يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان كوئىزۇمى ھىسائو ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىغا يولۇقۇشىنى ھاياتىدىكى ئۇنىڭغا كەلگەن ئەڭ چوڭ تەلەينىڭ بىرى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايتتى.

دىلمۇرات بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشىدە 2002-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە «يىراق مۇساپىلىك ئىنتېرنېت ئوقۇتۇش مائارىپى» كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئىككى يىل، دوكتورلۇقتا ئۈچ يىل ئوقۇدى. ئۇنىڭ تەتقىقات تېمىسى «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كەلگەن يىراق مۇساپىلىك ئىنتېرنېت ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى لايىھەلەش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش» ئىدى. ئۇيغۇر دىيارى ئىككى چوڭ ئويمانلىق ۋە ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسى بىلەن ئورالغان ئۆزگىچە يەر شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر زېمىن بولغاچقا، ئۇنىڭ تېمىسىغا ماس كېلىدىغان تەتقىقات ۋە ئىلمىي ماقالىلەر ئاساسىي جەھەتتىن يوق ئىدى. ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلىشىغا توغرا كېلەتتى. تەتقىقات بۆلۈمىدىن ھەممە كىشىلەردىن كېيىن (كەچ سائەت 12 دىن ئاشقاندا) قايتىش ۋە ھەر كۈنى تۆت سائەت ئەتراپىدىلا ئۇخلاش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى كۈنتەرتىپكە ئايلانغان ئىدى. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ئوغلى بۇغرا ئاللىقاچان ئۇخلاپ قالاتتى. ئەتىسى ئوغلى قوپۇشتىن بۇرۇن ئۆيدىن چىقىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ تاتلىق ئوغلى بىلەن نەچچە كۈنلەپ پاراڭلىشالمايدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولاتتى. گەرچە دىلمۇرات قاتتىق چارچىسىمۇ، ئىرادىسىنى بوشاشتۇرمىدى. چۈنكى بۇ ئۆزى تاللىغان، ئۆزى ياخشى كۆرگەن يول ئىدى. يالغۇز ياپونىيەدىلا ئەمەس دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ بۇ يولغا ئۆزىنى ئاتىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوخشاشلا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەتتى. بۇ ئىلگىرىكىلەر بېسىپ ئۆتكەن يول ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوقۇتقۇچىسى كوئىزۇمى ھىسائونىڭ دائىم تەكىتلەيدىغان «ئادەم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشسا، قىلالمايدىغان ئىش بولمايدۇ، مەسىلە سېنىڭ قىلغۇڭ بار-يوقلۇقىدا» دېگەن سۆزى دىلمۇراتنىڭ روھىنى ئۇرغۇتاتتى. دىلمۇرات دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدا ياپونىيەدىكى داڭلىق ئىلمىي ماقالە ژۇرنىلى «دېنكى گاككائى (電機学会)» دا ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالە، خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا 14 قېتىم ئىلمىي ماقالە ئوقۇدى. 2007-يىلى 3-ئايدا ئوڭۇشلۇق ھالدا توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر ئىلمى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇستازى كوئىزۇمى ھىسائو ئۇنىڭ توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا قېلىپ، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. دىلمۇرات ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى چىرايلىق رەت قىلدى. سەۋەبى ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ۋاقىتلىق قول ئۈزۈپ، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولغان ياپونىيە شىركەتلىرىگە كىرىپ، ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم سىناش ۋە تاۋلاش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىدى. يەنى ياپونىيەنىڭ داڭلىق شىركەتلىرىنىڭ بىرەرسىگە كىرىپ ئىشلەپ، ئاۋۋال يېڭى تېخنىكىلارنى ئىگىلەش، ئاندىن كېيىن ئۆزىدىكى بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ نەتىجە يارىتىش، ئاخىرقى ئۆمرىدە بولسا يەنە ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە قايتىپ كېلىپ، ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيەدىكى ئون چوڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى تەتقىق قىلىپ ياساش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان مىتسۇبىشى گۇرۇھىنىڭ «MITSUBISHI ELECTRIC INFORMATION NETWORK» شىركىتىگە ئىشقا چۈشتى. خىزمەتكە چۈشكەندىن بېرى شىركەتنىڭ بىر قانچە خىل يېڭى تىپتىكى بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ تەتقىقات ۋە ئىنژېنېرلىق خىزمىتىگە قاتناشتى. ھازىر شىركەتنىڭ خەلقئارالىق «Cloud SAP Service Department» بۆلۈمىدە ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئىنىمىز دىلمۇرات يالغۇز كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ ۋە ئۆز ئائىلىسىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ تۇرۇپ ياشاپلا قالماي، يەنە ئايالى گۈلنار بىلەن بىرلىكتە توكيو رايونىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياپونلارغا ئۇيغۇرلارنى توغرا تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئىزچىل تۈردە تايانچلىق ۋە باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ۋاقتىنىڭ قىسلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىپ تۇرۇپ ياشاش روھى بىلەن، 2015-يىلى ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىللىق ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭدا بىر مەيدان ئىلمىي دوكلات بەردى.

تۆۋەندىكى بىر قانچە پارچە سۈرەتتىكىسى دىلمۇرات ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان ۋاقتىدىكى كۆرۈنۈشلەر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6- ۋە 7-رەسىملەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنداق: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئۆلگەن ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 19 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قوللىرىنى سۇنۇپ كەلگەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياپونىيە خەلقىگە ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن دىلمۇرات ياپونىيەنىڭ سايتاما رايونى ساكادو شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1000 كىشىلىك چوڭ زالىدا بىر قېتىم «شەرقىي شىمالدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىئانە توپلاش يىپەك يولى-ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى» ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىغىلغان پۇل ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم قىلدى. بۇ ئىككى پارچە سۈرەت شۇ پائالىيەت جەريانىدا تارتىلغان.

دىلمۇراتنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئايالىنىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور بولدى. دادىسى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن دىلمۇراتقا قەيسەر بولۇشنى، ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى ئۆگەتتى. دادىسى بەش بالىنىڭ ھەممىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتى. دىلمۇرات دادىسىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنەتتى. ئۇ دادىسىنى «ھەقىقىي بىر قەھرىمان دادا» دەيدۇ. دىلمۇراتنىڭ ئايالى ئۇنى باشتىن ئاخىرى قوللاپ، ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمدە بولدى. ئۇ بارلىقىنى دىلمۇراتنىڭ تەتقىقاتى بىلەن ئائىلىگە بېغىشلىدى. دىلمۇرات ئايالىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا: «سەن بىلەن توي قىلغىنىم ھاياتىمدا قىلغان ئەڭ توغرا ئىشلىرىمنىڭ بىرى» دەيدۇ.

 دىلمۇرات ناپالېئوننىڭ بىر سۆزىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. يەنى، بىر ئادەم ناپالېئوندىن سوراپتۇ:

 - ئەگەر پۇرسەت بولسا سىز يەنە قانداق ئىشلارنى قىلماقچى؟

ناپالېئون مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ:

- پۇرسەت دېگەن نېمە ئۇ؟ پۇرسەتنى ئادەم ئۆزى يارىتىدۇ.

ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئۇنىڭغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىۋاتقان روتارىي تەشكىلاتى ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى توغرۇلۇق لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئوبدانراق تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ياپونىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى» دېگەن كىتابىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتى. ھەمدە پۇختا تەييارلىق قىلىپ، روتارىي تەشكىلاتىدىكى ياپونلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى تونۇشتۇرۇپ بەردى. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كىتابىنىڭ بىرىنچى بېتىگە مۇنداق ئىبارىلەر يېزىلغان ئىكەن: «ھۆرمەتلىك دىلمۇرات ئەپەندى، سىزمۇ بىر پارچە ھەرىكەتچان ۋەتەن. مەيلى قەيەرگە بارماڭ، كىشىلەر سىز ئارقىلىق بىزنى چۈشىنىشى كېرەك». بۇ ئىبارىلەر دىلمۇراتقا خۇددى ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. دىلمۇراتنىڭ ياپونىيەگە كەلگىنىگە ھازىر 14 يىل بولدى. ئۇ دائىم «مەن ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرەلىدىم؟» دەپ ئويلايدۇ.

دىلمۇرات مۇنداق دەپ ئويلايدۇ: «ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. دەرۋەقە ئابدۇقادىر جالالىدىن دېگەندەك، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر ۋەتەننىڭ بىر پارچىسى. دۇنيا بىز ئارقىلىق ئۇيغۇرنى تونۇشى، ۋەتەننى چۈشىنىشى كېرەك». بۇ جەھەتتە ئىنىمىز دىلمۇرات تىلىۋالدى ھازىرغىچە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ناھايىتى ياخشى ئادا قىلىپ، ياپونلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى توغرا نامايان قىلىش جەھەتتە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشتى. مەن ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى سىڭلىمىز گۈلناردىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.

 

دوكتور دىلمۇرات تىلىۋالدى ھازىرغىچە ئىلمىي ژۇرناللار ۋە ئىلمىي دوكلات يىغىنلاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ تىزىملىكى:

 ئىلمىي ژۇرنال ماقالىلىرى (学術論文誌)

  1. ディリムラット ティリワル ディ,高橋稔哉,小泉寿男:「教材のリアルタイム編集機能を持つ同期・非同期融合型 遠隔教育支援システムとその実験評価」電気学会論文誌C,IEEJ 
  2. Trans.EIS,Vol.126,No.4,pp474-484,2006.

2. ディリムラット ティリワル ディ,高橋稔哉,高田昭伸,小泉寿男:「低速回線インターネットをベースとした遠隔 協調学習法とその実験評価」電気学会論文誌C,IEEJ Trans.EIS,Vol.127,No.2,pp253-263,2007.

3. ディリムラット ティリワル ディ,兼子重人,細村 宰,大細 孝,三井 浩康,小泉寿男:「協調学習における議 論場と作業場間の連携支援方法とその実験評価」

電気学会論文誌C,IEEJ Trans.EIS,Vol.129,No.4,pp744-754,2009.

 

 خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنى ماقالىلىرى(国際会議論文)

 

4. Dilmurat TILWALDI, Toshiya Takahashi,Hisao Koizumi,etc :“A Smart Method of Cooperative Learning Including Distant Lectures and Its Experimental Evaluations”,EUC2005Workshops, pp.268-277,2005/12/6.

5. Sawamoto, J., Hidekazu Tsuji, Dilmurat Tilwaldi, Hisao Koizumi:“A Proposal of Multi-Agent System Development Framework for Cooperative Problem Solving and its Experimental Evaluation”,The 19th International Conferlance on Advanced Information Networking and Applications(AINA2005)Tamkang University,Taiwan,pp.47-52,2005.

 

 ياپونىيەدىكى ئىلمىي جەمئىيەتلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى (シンポジウム・研究会)

 

6.高田昭伸,高橋稔哉,ディリムラット ティリワルディ,小泉寿男:「共同作業を中心にした遠隔協調学習における 支援とその実践評価」電子情報通信学会 IEICE Technical Report ET2006-61,pp61-66,2006/11.

7. ディリムラット ティリワルディ,高橋稔哉,高田昭伸,三島 雄一郎,細村宰,小泉寿男:「遠隔講義を含めた協調学習法とその評価実験」情報処理学会 マルチメディア・分散・協調とモバイル(DICOMO2005)pp309-312 ,2005/7/7.

8. ディリムラット ティリワル ディ,高橋稔哉,高田昭伸,小泉寿男:「短時間追加講義を含めた遠隔協調学習の方 法」 教育システム情報学会研究報告JSiSE vol.19,pp57-62,2005/1/22.

9. 高橋稔哉,ディリムラットティ リワルディ,高柳俊多,三島雄一郎,高田昭伸,小泉寿男:「WebCTを基盤 とした教材コンテンツ編集型教育支援システムの提案」DPSワークショップ,pp143~148,平成16年12月.

10. ディリムラット ティリワル ディ,高柳俊多,三島雄一郎,高橋稔哉,小泉寿男:「同期・非同期 融合型遠隔教育におけるリアルタイム教材編集方式」情報処理学会 DPS第113回研究会会講演論文集,pp385-386,2003/6/20.

11. 高柳俊多,ディリムラット・ ディリワルディ,三島雄一郎,高橋稔哉,小泉寿男:「教材のリアルタイム編集機能を 持つ同期・非同期融合型遠隔教育支援システムの提案」情報処理学会 DPS第115回研究会,pp 25-30,2003/11/13.

 

 ياپونىيەدىكى مەملىكەتلىك ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرى(全国大会)

12. ディリムラット ティリワル ディ,高田昭伸,小泉寿男他:「同期・非同期融合型遠隔講義をベースとした協調学習 法とその評価実験」平成17年度電気関係学会関西支部連合大会講演論文集,pp-G266,2005/11/13.

13. ディリムラット ティリワル ディ,高橋稔哉,高田昭伸,小泉寿男:「短時間追加講義を含めた遠隔協調学習法とそ の評価実験」平成17年度電気関係学会東海支部連合大会講演論文集,pp.O-208,2005/9/15.

14. ディリムラット ティリワル ディ,高柳俊多,三島雄一郎,小泉寿男:「遠隔学習中の学習者理解度確認と講義への 反映方式」平成16年電気関係学 会関西支部連合大会,2004/11/28.

15. ディリムラット ティリワルディ,高柳俊多,三島雄一郎 ,高橋稔哉,小泉寿男:「低速回線インターネットでも可能な遠隔協調学習方式の提案とその実験評価」平成16年電気学会電 子・情報・システム部門大会,2004/9/2.

16. ディリムラット ティリワル ディ,高柳俊多,高橋稔哉,小泉寿男:「同期・非同期融合型遠隔教育におけるリアル タイム教材編集方式の実験」平成15年電気関係学 会関西支部連合大会講演論文集,pp267,2003/11/9.

17. ディリムラット ティリワル ディ他,高柳俊多,三島雄一郎,細村宰,小泉寿男:「遠隔教育におけるリアルタイム 教材編集方式の提案」情報処理学会第65回全国大会講演論文集,pp385-386,2003/3/26.(学生奨励賞受賞)

18. ディリムラト ティリワル ディ,細村宰:「3D地図における都市情報の可視化に関する研究」日本リモートセンシ ング学会 第31回学術講演会 論文,2001/12/22.

19. ディリムラット ティリワルディ,細村宰,太田哲雄:「ビデオカメラ を用いたモデリグに関する研究」日本写真測量学会 平成13年度秋季学術講演 会,2001/11/29.

 

مەنبە:

http://www.meripet.com/2016/20160115_chetel_uyghur21.htm?fbclid=IwAR0uNgfz5mMW5fCph_JHERicPNMaZEqNqtRc9SBErW0u5iNsBJ5SuPd4Hi4

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 9361 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2020 20:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق