خىتاي دائىرىلىرى بايرام كۈنىنى ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتتى

بۈگۈن (4-ئاپرېل) خىتايلارنىڭ بۇ يىللىق چوكانتال بايرىمى ياكى قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ كۈننى ئومۇميۈزلۈك ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈچ ئايدىن بۇيان داۋاملاشقان يۇقۇم سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۈگۈننى پۈتۈن خىتاي بويىچە ئومۇميۈزلۈك ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.
قارارغا ئاساسەن بايراقنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلىدىغانلىقى، بارلىق ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۇرىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى يەنە خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنى تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلاپ قويغان دوختۇرلارنىڭ بىرى لى ۋېنلياڭنى «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ ئېلان قىلغان. ۋۇخەنلىك كۆز كېسەللىكى دوختۇرى لى ۋېنلياڭ قاتارلىق سەككىز كىشى بۇ يىلنىڭ بېشىغا يېڭى ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا تونۇشلىرىغا يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، «ئۆسەك سۆز تارقاتقان» دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن. كېيىن بۇلار قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لى ۋېنلياڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۇزاققا قالماي ئۆلۈپ كەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپكى مەزگىلدە ۋىرۇس يۇقۇمىنى يوشۇرغانلىقى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ تەنقىدى ۋە بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە يۇقىرىقىدەك قارار چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆز جىنايىتىنى تۆۋەندىكىلەرگە ئارتىپ، خەلقئارانىڭ كۆز بوياشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 732 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2020 11:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق