يەنە بىر داڭلىق شىركەت خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

كانادا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۈمە كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادا كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىۋاتقان تور يىغىنى يۇمشاق دېتالى «ZOOM»نىڭ بارلىق ئۇچۇرلارنى خىتايغا يەتكۈزۈپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر شىركەت سىن ۋە ئاۋاز ئۇچۇرلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا شىفىرلاپ، خىتايغا خۇپىيانە ھالدا يوللاپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە مەخپىي ئېچىلغان يىغىنلارنىڭ شىفىرىنى خىتايدىكى مۇلازىمىتېرغا يوللاپ بېرىدىكەن.
ZOOM بولسا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان تور يىغىنى يۇمشاق دېتالى بولۇپ، خەلقئارادىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىشلەتكۈچىلەر تېخىمۇ كۆپەيگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە مەزكۇر يۇمشاق دېتالدا كۈنىگە 200 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق يىغىن ئېچىلغان.
گەرچە شىركەتنىڭ باش ئىشتابى ئامېرىكىدا بولسىمۇ، ئەمما شىركەت قۇرغۇچىسى خىتاي بولۇپ، خىتاي تەۋەلىكىدە يەنە ئۈچ تارماق مەركىزى بار. ئاساسلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتايدا بولۇپ، 700دىن ئارتۇق خادىم خىزمەت قىلىدۇ.
نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ باياناتچىسى ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 608 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2020 11:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق