خىتاي دائىرىلىرى قارشىلىق ئاۋازلىرىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋىرۇسنى كونترول قىلىش جەريانىدىكى رەھىمسىزلەرچە سىياسىتى ۋە كۆز بويامچىلىقى سەۋەبلىك كۆپلىگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كومپارتىيەگە بولغان نارازىلىقى كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بىر قىسىم خىتايلار نارازىلىقلىرىنى ئاشكارا ئىپادىلەشكە باشلىغان.

بۇندىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ ۋېنبىن ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى بىر ۋىدېئو تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇن كومپارتىيەنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما يېقىندىن بېرى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، كومپارتىيەنىڭ خىتاي خەلقىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭ خەلقىنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، كومپارتىيە ۋە شى جىنپىڭنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ۋىدېئونى تارقىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇندىن كېيىن ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئۈندىدار ھېساباتىمۇ مەڭگۈلۈك تاقالغان.

بۇلاردىن سىرت خىتايدىكى ئەڭ مەشھۇر بايلارنىڭ بىرى، ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى رېن جىچياڭ (任志强) ئالدىنقى ئايدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى سەۋەبلىك خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ زورىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقپەرەسلىكىنى ئەگىتىپ تۇرۇپ مەسخىرە قىلغان. ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 69 ياشلىق رېن جىچياڭنىڭمۇ ئىز-دېرىكى بولمىغان. خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇس يۇقۇمىنى باھانە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە قارىتا چەكلىمىلەرنى كۆپەيتكەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 600 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2020 11:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق