بۇ يىل تۇنجى پەسىلدە زور تۈركۈمدىكى خىتاي شىركەتلىرى ۋەيران بولدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبلىك بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە خىتايدىكى 460 مىڭ شىركەت-كارخانا ۋەيران بولغان.
مەزكۇر دوكلاتنى خوڭكوڭدىكى جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە زور تۈركۈمدىكى شىركەت-كارخانىلار تاقالغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. بۇلار ئېكسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 26 مىڭ شىركەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇلاردىن سىرت خىتايدا يېڭىدىن تىزىملاتقان شىركەتلەرنىڭ سانىدىمۇ زور دەرىجىدە ئازىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بىرىنچى پەسىلدە خىتايدا يېڭىدىن ئەنگە ئالدۇرۇلغان شىركەت ئۈچ مىليون 200 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 تۆۋەنلەپ كەتكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ مال چىقىرالماي ياكى زاكاز ئالالماي، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىز قالغانلىقىغا ئالاقىدار سىنلار كۆپلەپ تارقالغان.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايدا يۇقۇم كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادقا بولغان سەلبىي تەسىرىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ پۈتۈن دۇنيادا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 612 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2020 12:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق