خىتاي ئەسكەر: قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتتۇق

زىمىستان تورىنىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن بىر نەچچە خىتاي ئەسكەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر ئەسكەرلەر زىمىستان تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇرۇن ئىجرا قىلغان بىر قىسىم ۋەزىپىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن.
بىر ئەسكەر 2013-يىلى يازدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم تاغلىق رايونىدا يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى قىرىۋەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى، ئارىسىدا كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇلارنى ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن ئوققا تۇتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي قوماندانلار ئۇلارنى ھەربىي مانېۋىر ئۈچۈن دەپ ئاپارغان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئەسكەرلەرگە بۇنىڭ ئامانلىقنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
يەنە بىر فۇجيەنلىك ئەسكەر ئۆز كوماندىرىنىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىرغىنچىلىققا قاتناشقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «كوماندىرنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئەسكەرلەر كۈندۈزى پۇقراچە كىيىنىپ، خىتايلارنىڭ ئۆيىگە بىرمۇ بىر كىرىپ، ئۇلارنىڭ شۇ كېچىسى دېرىزىلەرنى گېزىت بىلەن توسۇۋېتىشى لازىملىقىنى، چىراغ ياندۇرماسلىقى، سىرتقا چىقماسلىقى، ھەتتا قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ. خىتاي پۇقرالار كېچىسى ئوق ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپتۇ. ئەتىسى ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. قانلارمۇ پۈتۈنلەي تازىلىۋېتىلىپتۇ».
يەنە بىر ئەسكەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى قىرغىنچىلىقلىرىنى ئاشكارىلاپ، 2011-يىلى تىبەتتىكى مەلۇم بىر جايدا خىتايغا قارشىلىق كۆرسەتكەن راھىبلارنى قورشاپ، ئۇلارنى ئوققا تۇتقانلىقىنى، كوماندىرلىرىنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كىم كۆپ ئۆلتۈرسە، شۇنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەسكەرلەر يەنە بۇيرۇقنى رەت قىلغانلارنى باشلىقلىرى يوشۇرۇن ئېتىۋېتىدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرگە بولسا «مەلۇم ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتتى» دەپلا ئىشنى تۈگىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئەسكەرلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېنچۈەندىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە خىتاي دائىرىلىرى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارغان ئەسكەرلەرگە 18 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىلا قۇتقۇزۇشقا بۇيرۇغان. شۇنداقلا ياشانغانلار ۋە بالىلار كارى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە يۈك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەسكەرلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە خوڭكوڭدىكى نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتكەن. ئەمما بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى يېڭىدىن ھەربىيلىككە تىزىملاتقانلار قاتارىدا خوڭكوڭغا كىرگۈزگەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ھەربىيلەر ئۆزلىرى شاھىت بولغان قىرغىنچىلىقلارنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى، شۇ ۋەقەلەردىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 816 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2020 12:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق