ۋۇخەن شەھىرى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى بولغان ۋۇخەن شەھىرى بۈگۈن (8-ئاپرېل) رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن.
76 كۈندىن بېرى سىرتقى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەن ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بۈگۈن سائەت دەل 00:00 دە ئېچىۋېتىلگەن. ئۇندىن باشقا تۆمۈر يول، دېڭىز قاتنىشى ۋە ھاۋا قاتنىشىمۇ ئەسلىگە كەلگەن. ئەمما ۋۇخەندىن بېيجىڭغا بارىدىغان بارلىق قاتناش يوللىرى يەنىلا ئېچىۋېتىلمىگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، يولۇچىلار ھەرقايسى پونكىتلاردا ئالاھىدە تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، پەقەت «يېشىل كودى»، يەنى ساغلاملىق ئۇچۇرى بولغان كىشىلەرنىڭلا سەپەرگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. خىتاي تۆمۈر يول تارماقلىرى بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە ۋۇخەندىن خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا 276 يولۇچىلار پويىزىنىڭ يولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋۇخەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى 23-يانۋار ۋۇخەن شەھىرىنى پۈتۈنلەي تاقىغان. يۇقۇم كونترول قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى 24-مارت قارار ماقۇللاپ، 8-ئاپرېل كۈنى ۋۇخەننى رەسمىي ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 455 قېتىم كۆرۈلدى
08/04/2020 09:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق