ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قارشى سادالار ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى

ئاۋسترالىيەنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى (ASPI) ئالدىنقى ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ئالاقىدار شىركەتلەر بۇ مەسىلىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ شىركەتلەر خىتايدىكى ۋەكىللىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئالاقىدار شىركەت-كارخانىلاردىن مال سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
Adidas شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، 2019-يىلى ئالاقىدار شىكايەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىن ھەرقانداق مال سېتىۋالماسلىققا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىۋېتسىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى H&Mمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھېچقانداق زاۋۇت-كارخانا بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكىنىڭ The North Face شىركىتى باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى «زامانىۋى قۇلدارلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيادىكى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە ئىنسانىي ھوقۇقلارنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن دۇنيادىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ %22نى ئىگىلىگەن بولۇپ، خىتاي بۇ پاختا مەھسۇلاتىنىڭ %84گە شەرقىي تۈركىستاندىن ئېرىشكەن. شەرقىي تۈركىستان دۇنيادىكى ئاساسلىق پاختا مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا، دۇنيادىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى شەرقىي تۈركىستانغا چېتىشلىق بولماقتا.

بۇ خەۋەر 523 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2020 18:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق