خىتاي تېلېگراف شىركىتى ئامېرىكىدا زەربىگە ئۇچرىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى 9-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، بىر نەچچە ھۆكۈمەت ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە خىتاي تېلېگراف شىركىتىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بىلەن بىرلىكتە تەكلىپ سۇنغانلاردىن يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلار بىرلىكتە ئامېرىكا فېدېراتىپ ئۇچۇر-ئالاقە كومىتېتىغا خىتاي تېلېگراف شىركىتىنىڭ 2007-يىلى ئېرىشكەن تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەدلىيە مىنىستىرلىكى خىتاي تېلېگراف شىركىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خاككېرلارنىڭ تېلېگراف شىركىتى ئارقىلىق ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قوزغىشى ۋە جاسۇسلۇق قىلىشى مۇمكىنلىكى، يەنە كېلىپ تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قەيەردە ساقلىغانلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلىمىغانلىقى، بۇنىڭمۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى سودا ئىشلىرىنى سىياسىيلاشتۇردى، دەپ ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 599 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2020 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق