چەت ئەل شىركەتلىرىنى خىتايدىن چېكىندۈرۈش دولقۇنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ 10-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي تەۋرىنىشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 2.2 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ياكى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى پىلانلىغان.
خىتاي ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ، بۇ بېقىندىلىق سەۋەبىدىن خىتاي ۋىرۇسى تارقالغان نەچچە ئايدىن بۇيان خىتايدىكى ياپونىيە كارخانىلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2-ئايدا نىسسان ۋە تويوتا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %87.9 ۋە %77.4 تۆۋەنلىگەن. زاۋۇتى ۋۇخەن شەھىرىگە جايلاشقان خوندا شىركىتىنىڭ بولسا %92 ئازلاپ كەتكەن. بۇلاردىن سىرت خىتايدىن كېلىدىغان زاپچاسلار كەمچىل بولغانلىقتىن، ياپونىيەدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ %29.3 ئازلاپ كەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم ياپونىيە كارخانىلىرى ئاللىبۇرۇن خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم پىلانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ چېكىنىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.
بۇلاردىن سىرت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنى چېكىنىپ چىقىشقا ئۈندەۋاتقان بولۇپ، ئالاقىدار ئەمەلدارلار شىركەتلەرنىڭ بۇ جەريانىدىكى بارلىق چىقىمىنى ھۆكۈمەت ئۆز ئۈستىگە ئېلىش چارىسىنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 524 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2020 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق