خىتايدا كۆپىيىۋاتقان ئىشسىزلىق پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرگە بولغان تەسىرى سەۋەبلىك بۇ يىل خىتايدا زور كۆلەمدە ئىشسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىشكە باشلىغان.
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەتقىقاتچىلار خىتاي ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كېچىكىپ ئەسلىگە كېلىشى ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك خىتاينىڭ بۇ يىل 30 مىليون ئىش ئورنىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، خىتاي 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىستا 20 مىليونغا يېقىن خادىمنى قىسقارتقان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى نەچچە مىليون ئىشچى توختامسىز ئىشلەۋاتقان ياكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى يوق بولۇپ، ئەگەر خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئازغىنە تۆلەمگە ئېرىشكەندىن باشقا تۇرمۇشىنى قامداشقا ھېچقانداق ئىمكانىيىتى قالمايدىكەن.
خىتاي قامالنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن بېرى، تاكسى شوپۇرلىرىغا ئوخشاش ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچرىغان ئەمگەكچىلەر كوچىغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. خوڭكوڭدىكى بىر ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاي ئىچىدىلا خىتايدا 50 قېتىمدىن ئارتۇق توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

بۇ خەۋەر 538 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2020 13:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق