خىتاي ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان يۇقۇمغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئىزچىل ھالدا خەلقئارانىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۈگۈن ۋۇخەندىكى يۇقۇملانغانلار ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتتا ۋۇخەندىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىغا 325 كىشى قوشۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكىدىن كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغان. ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئەسلىدىكى 2579دىن 3869غا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئەسلىدىكىدىن %50كە يېقىن كۆپەيگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا جەمئىي ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4642غا يەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، يەنە بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ دوكلات قىلىشقا كېچىكىپ قالغانلىقى، ئىستاتىستىكا قىلىشتا قىسمەن خاتالىق كۆرۈلگەنلىكى قاتارلىق باھانىلەرنى كۆرسەتكەن.

گەرچە خىتاي ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بۇ يەنىلا خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان پەرەزلەردىن كۆپ ئاز بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن بىر قىسىم خەۋەر مەنبەلىرىدە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىلا ئۆلگەنلەرنىڭ 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يەنە بىر قىسىم دەلىللەنمىگەن مەلۇماتلاردا ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ خەۋەر 441 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2020 10:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق