خىتايدا ئىرقىي كەمسىتىش كەيپىياتى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇسنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، خىتايدا ياشاۋاتقان چەت ئەللىكلەرنى، بولۇپمۇ قارا تەنلىكلەرنى چەتكە قېقىش، ئىرقىي كەمسىتىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىشقا باشلىغان.
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇاڭجۇدا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئافرىقىلىقلارنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش باھانىسى بىلەن ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ كوچىدا يېتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، پاسپورتلىرى تارتىۋېلىنغاچقا، خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنىڭمۇ بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلىقىغا ئالاقىدار بىر نەچچە سىن تارقىلىپ، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان.
نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىرقىي كەمسىتىش قىلمىشلىرى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بىر قىسىم مېھمانخانىلار ئاشكارا ھالدا چەت ئەللىكلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چاپلاپ قويغان. بەزى سودا سارايلىرىغا قارا تەنلىكلەر كىرگۈزۈلمىگەن. يەنە بىر قىسىم سىنلاردا خىتايلارنىڭ توپلىشىپ، قارا تەنلىكلەرنى ئۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا چوڭ مىللەتچىلىك ۋە ئىرقچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئېچىپ بەرگەنلىكى، بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقى، پۇقرالارنىڭ دىققىتىنى، نارازىلىقىنى چەت ئەلگە ۋە چەت ئەللىكلەرگە بۇراپ قويغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ خەۋەر 487 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2020 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق