خىتاي ۋابا مەزگىلىدىمۇ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى ئۇنتۇمىدى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان ئارالدا مەمۇرىي ھۆكۈمەت تەسىس قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتايلار شىشا تاقىم ئارىلى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان پاراسېل ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تالاش-تارتىش قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ كۆپ قېتىم چارلىغۇچى پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى 18-ئاپرېل يېڭى قارار ماقۇللاپ، پاراسېل ئارىلىدا مەمۇرىي ھۆكۈمەت تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە بۇ ئارالنىڭ خەينەن ئۆلكىسى سەنشا شەھىرىگە قاراشلىق رايون بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خىتاينىڭ بۇ قارار ئارقىلىق ۋىيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ قارارىنى دەرھال قايتۇرۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
پاراسېل ئارىلىنىڭ كۆلىمى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما يەر ئاستى بايلىقىنىڭ موللىقى بىلەن تونۇلغان. نۆۋەتتە خىتاي ۋە ۋىيېتنامدىن باشقا فىلىپپىن، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ ئارالدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 521 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2020 11:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق