خىتاي ئاخبارات ئىشخانىسى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش دېلوسىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي ئاخبارات ئىشخانىسى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش دېلوسىنى ئاشكارىلىدى
17-ئاپرېل تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاتالمىش «بەشىنچى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قانچە تىپىك چوڭ دېلونى سىرتقا ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچى سۇ Xنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ چېگرا سىرتىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغانلىقى، ئەمما تېخى پىلانلاش باسقۇچىدىلا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن پاش قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، سۇ X يۈننەندىكى مەلۇم مەكتەپتە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، توردا كۆپ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 2016-يىلى سۇ X توردا چېگرا سىرتىدىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتنىڭ غوللۇق ئەزاسى بىلەن تونۇشقان بولۇپ، بۇ غوللۇق ئەزا چەتئەلدىن چېڭدۇغا كېلىپ، سۇ X بىلەن بىرلىكتە زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى پىلانلىغان. ئۇلار پىلانغا ئاساسەن چېگرا سىرتىدىن قورال-ياراغ سېتىۋېلىپ، ئاندىن خىتاي ئىچىدىن پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، 2017-يىلى چاغان مەزگىلىدە يۈننەن كۈنمىڭدا ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىشنى ۋە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئارمىيەنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق ھەرىكىتىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەتئەلدىكى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى ئويلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلى 4-ئايدا سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇلارغا «دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

بۇ خەۋەر 624 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2020 13:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق