خىتاينىڭ يەنە بىر مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان

خىتاينىڭ يەنە بىر مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مۇئاۋىن مىنىستىرى سۈن لىجۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
خەۋەردە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مۇئاۋىن مىنىستىرى سۈن لىجۈننىڭ «ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن گۇمان قىلىنغانلىقى، ھازىر خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭ دېلوسىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە سۈن لىجۈننىڭ 19-فېۋرال خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى بىلەن بىللە ۋۇخەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە بېرىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەنلىكى، ئۇندىن باشقا بىر قانچە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.
سۈن لىجۈن 1969-يىلى شەندۇڭ چىڭداۋدا تۇغۇلغان. شاڭخەي شەھەرلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى باش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن مەركىزىي ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارادا ۋىرۇسنى خىتاينىڭ ياسىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە بولۇۋاتقان مۇھىم بىر پەيتتە سۈن لىجۈننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى خىتاينىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدە بىرەر ئەندىشىسى بارلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىنلىكنى بىلدۈرۈشمەكتە

بۇ خەۋەر 571 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2020 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق