خىتاينىڭ تۆلەم تۆلەشكە قارىتا ئۆزىنى ئاقلىشى مەسخىرىگە ئۇچرىدى

خىتاي ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتايدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ساداسى كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ تۈنۈگۈن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ چوشقا زۇكىمىنىڭ (H1N1 يۇقۇملۇق زۇكىمى) ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكىدىن پۈتۈن دۇنياغا تارقالغانلىقىنى، ئەيدىز كېسىلىنىڭمۇ ئامېرىكىدا پەيدا بولغانلىقىنى، 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭمۇ ئامېرىكىدىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەنلىكىنى، ئەمما ھېچكىمنىڭ ئامېرىكىدىن تۆلەم تەلەپ قىلمىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى ئورگىنى «دۆلەت مەنپەئەتى مەركىزى»نىڭ ئالىي ئەمەلدارى كازىيانىس بۇنىڭغا باھا بېرىپ: «گېڭ شۇاڭنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تارىخىي ۋەقەلەرنى مىسال كەلتۈرۈشى پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنى تېخىمۇ ھاماقەت كۆرسىتىپ قويىدۇ، ھەتتا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە چوشقا زۇكىمى، ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس قاتارلىقلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەجرىبىخانىسىدىن چىقمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى يوشۇرمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ باياناتىنىڭ تولىمۇ بىچارىلىك ئىكەنلىكنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېڭ شۇاڭ مۇخبىرلارنىڭ «خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

بۇ خەۋەر 585 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2020 13:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق