خىتاي بۇ يىلمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

خەلقئارالىق چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۈگۈن «2020-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي ئارقىدىن سانىغاندا 4-ئورۇندا تۇرغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. ئاسىيا رايونىدا بولسا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان. ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغان دۆلەتلەردە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇپ، خىتاي، ئېرىترىيە، تۈركمەنىستان ۋە شىمالىي كورىيە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار تۆت دۆلەتنى تەشكىل قىلغان.

دوكلاتتا خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مۇخبىر تۇتقۇن قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكى، 100 دىن ئارتۇق ئاخبارات خادىمىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل ھالدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا نازارەت ۋە چەكلىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە يېڭى نىزاملارنى چىقىرىپ، ئاخبارات كونتروللۇقىنى يەنە بىر قەدەم مۇستەھكەملىگەن. يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى قاتارلىق بىر نەچچە خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەتسىز ئورگان بولۇپ، ھەر يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى باھالاپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 753 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2020 13:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق