خىتاينىڭ ئايفوندىكى يەنە بىر يوچۇقنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

Apple Insider تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئالما تېلېفونلىرىنىڭ تور كۆرگۈچىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «رەزىل كۆز» نامىدىكى بىر خاككېرلىق گۇرۇپپىسى ئايفوننىڭ سىستېمىسىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار باش تېما قىلىنغان تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغانلارنىڭ يانفونىغا بۆسۈپ كىرگەن ۋە ئۇچۇر، ئېلخەت، سۈرەت، ئورۇن ۋە ئالاقىداشلار قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان.

گەرچە مەزكۇر يوچۇق ئالدىنقى يىلى 7-ئايدا ئېتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ بۇ يىل 3-ئايلارغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يانفون ۋىرۇسى ئايفوندىكى سافارى (Safari)، كىروم (Chrome) ۋە مىكروسوفت ئېج (Edge) تور كۆرگۈچلىرىنىڭ ھەممىسىگە بۆسۈپ كىرەلەيدىكەن. ئەمما دوكلاتتا ئايفوننىڭ 12.4 نەشرىدىن يۇقىرى سىستېمىلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقى، شۇنداقلا يانفوننى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىنلا ۋىرۇسنىڭ رولىنى يوقىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئالاقىدار دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خاككېرلىق گۇرۇپپىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلانغان يانفون ۋىرۇسىمۇ مۇشۇ گۇرۇپپىنىڭ قولىدىن چىققان ئىكەن.

بۇ خەۋەر 498 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2020 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق