خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتاي بۇلتۇر ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 21-ئاپرېل يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

دوكلاتتا ئالدىنقى يىلى ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان بەش دۆلەتنىڭ ئىران (ئاز دېگەندە 251 كىشى)، سەئۇدى ئەرەبىستان (184 كىشى)، ئىراق (ئاز دېگەندە 100 كىشى) ۋە مىسىر (ئاز دېگەندە 32 كىشى) ۋە خىتاي ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ سانىنى ئىزچىل مەخپىي تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، ئېنىق سانىنى ئېلىشقا ئىمكانىيەت بولمىغان. ئەمما دوكلاتتا خىتاينىڭ ئالدىنقى يىلى ئاز دېگەندە نەچچە مىڭ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا پەقەت قانۇنىي جەريانلاردىن ئۆتۈپ ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىلا ئىستاتىستىكا قىلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن، بىۋاسىتە-ۋاسىتىلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلمىگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادىكى 146 دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسى قانۇن ۋە ئىجرا قىلىنىش جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

بۇ خەۋەر 809 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2020 13:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق