خىتاي ئەلچىسى: مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويمايمىز

يېقىندىن بېرى خەلقئارادا خىتاي ۋىرۇسىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن خىتايغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش ھەققىدىكى سادالار كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چېن ۋېن بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مورىسون ئالدىنقى پەيشەنبە بۇ ھەقتە توختىلىپ، كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا خىتايغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چېن ۋېن بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ خىل تەلەپلەرگە سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ يۇقۇمغا قارشى خىزمىتىگە دەخلىسى بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى گۇمانلاردىن سىرت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ يوشۇرغانلىقى، يەنە كېلىپ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىرىغا يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، ۋەزىيەتنى قالايمىقان قىلغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقى كۈچەيتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە خىتاينىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى يوشۇرغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، ئالدىنقى پەيشەنبىدىن تارتىپ يۇقۇم ئەھۋالى ئىستاتىستىكا جەدۋىلىدىن خىتاينى چىقىرىۋەتكەن.

 

بۇ خەۋەر 485 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2020 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق