خىتايدا ئېغىر مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەردى

خىتايدا ئېغىر مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەردى
26-ئاپرېل تىك توك ئارقىلىق تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ھەرخىل ئاپەتلەر يۈز بەرگەن.
20-ئاپرېل خېيلۇڭجياڭنىڭ چىچىخار شەھىرىدە تۇيۇقسىز قاتتىق قار ياققان. 22-ئاپرېل يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ خۇڭخې، پىڭبيەن ناھىيەلىرىدە ۋە گۈيجۇدا ئېغىر مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مۆلدۈرلەر تۇخۇم چوڭلۇقىدا بولۇپ، دېھقانلارنىڭ بانان، قوناق قاتارلىق زىرائەتلىرىنى، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى، پارنىكلاردىكى كۆكتات، مېۋىلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. مۆلدۈر سەۋەبلىك يەنە نۇرغۇن قۇشلار ئۆلۈپ كەتكەن.
ئۇندىن باشقا يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا گۇاڭدۇڭدا قاتتىق بوران چىقىپ، مېۋىلەرنى تۆكۈۋەتكەن ۋە بىر قىسىم ئۆيلەرنى ئۆرۈۋەتكەن. خېبېي، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەردە تۇيۇقسىز قاتتىق قىرو چۈشۈپ، بىر كېچىدىلا بۇغداي، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى ۋە بارلىق مېۋە، كۆكتاتلارنى توڭلىتىۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 613 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2020 04:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق