خىتاينىڭ يالغان سانلىق مەلۇمات ياساپ چىقىشىغا ئالاقىدار بىر قىسىم تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان يۇقۇمغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئىزچىل ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، زىمىستان تورىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق كونترول قىلغانلىقىغا ئالاقىدار بىر قىسىم تەپسىلاتلار ئاشكارىلانغان.

جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر دوختۇر زىمىستان تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2-ئاي مەزگىللىرىدە ۋېنجۇ شەھىرىدە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۆلكىلىك دائىرىلەردىن بۇيرۇق كېلىپ، بىرمۇ ئۆلگۈچى چىقماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ كېسىلى ئېغىرلاشقانلارنىڭ كېسەللىك ئارخىپى ئۆزگەرتىلىپ، باشقا بۆلۈمگە يۆتكەلگەن. بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئازلىتىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر باشقا كېسەللىك بىلەن ئۆلگەنلەر قاتارىغا چىقىرىلغان. نەتىجىدە جېجياڭ ئۆلكىسىدە يۇقۇملانغانلار 1200 كىشى، ئەمما ئۆلگەنلەر پەقەت بىر كىشى بولۇشتەك ساختا مەلۇمات ياساپ چىقىلغان.

بۇلاردىن سىرت، تېببىي خادىملارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىمۇ سەزگۈر مەسىلە دەپ قارالغاچقا، بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا ساختىلىق ئىشلىتىلگەن. مەزكۇر دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تېببىي خادىملارغا قارىتا ۋىرۇس تەكشۈرۈشىنى توختىتىۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تېببىي خادىملاردا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ساختا ۋەزىيەت يارىتىلغان. گۇمان قىلىنغان دوختۇرلار ئۆيىدە ئايرىپ كۆزىتىشكە قايتۇرۇلغان بولۇپ، يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان تەقدىردىمۇ، ئادەتتىكى پۇقرالار قاتارىدا ئىستاتىستىكا قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جەريانىدا ئۆز ئوبرازىنى قوغداش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن تېببىي خادىملارنى توقۇلما مەزمۇنلاردىكى تەسىرات ماقالىسى يېزىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىشقا مەجبۇرلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 516 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2020 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق