تەبىئەت ژۇرنىلى: خىتاي يوشۇرمىغان ئەھۋالدا يۇقۇملىنىشنى %95 ئازايتقىلى بولاتتى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنياغا داڭلىق ئىلىم-پەن ژۇرنىلى «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە خىتاي باشتىلا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشچان ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىغان بولسا، پۈتۈن دۇنيادىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى %95 ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ئەنگلىيە جەنۇبىي ئامپتون ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە بولۇپ، بۇ ھەپتە تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي يۇقۇمغا قارشى بىر قىسىم شەھەرلەرنى قامال قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەسلىدىكىدىن بىر ھەپتە، ئىككى ھەپتە ياكى ئۈچ ھەپتە بۇرۇن ئىجرا قىلغان بولسا، يۇقۇملانغۇچىلار ئەسلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %66، %86 ۋە %95 ئاز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىلا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى باستۇرغان. ئارىدىن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ، 23-يانۋارغا كەلگەندىلا ئاندىن ۋۇخەن شەھىرىنى پۈتۈنلەي تاقىغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش سادالىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەرز قىلغانلارنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيگەن.

بۇ خەۋەر 501 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2020 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق