خىتاي: ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلىشىش نىيىتىمىز يوق

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلىشى نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ بۇندىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ 11-ئايدىكى سايلامدا ئۇتتۇرۇۋېتىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ خىتايغا چۈشۈرۈۋاتقان سودا بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان.
يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرى ئۆز «نەتىجىلىرى»نى كۆز-كۆز قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان يۇقۇم ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىگە بولغان ئەيىبلەشنى كۈچەيتكەن. خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى تۈنۈگۈن تىۋىتتېردا ئامېرىكىدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتايدا مىليون كىشى يۇقۇملانغان بولسا، پۇقرالارنىڭ ئاللىبۇرۇن قوزغىلىپ چىقىدىغانلىقىنى جار سالغان.
ئەمما بىر قىسىم تورداشلار: «شۇنداق، خىتاي دائىرىلىرى خەلقنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىنى بىلگەچكە، يالغان سانلىق مەلۇماتلارنى توقۇپ چىقىۋاتىدۇ» دەپ ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگەن.

بۇ خەۋەر 582 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2020 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق