خىتاي بۇ يىلمۇ «ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەت» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى 29-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ 2020-يىللىق ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئالاھىدە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي داۋاملىق «ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەت» تىزىملىكىدە قېلىپ قالغان.
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىدىكى تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەمما ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە بۇلتۇر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، سودا ئۇرۇشى ۋاقىتلىق توختىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي يەنىلا ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان ئون دۆلەتنىڭ قاتارىغا تىزىلغان. بۇنىڭدىن خىتاينىڭ بەرگەن ۋەدىسى ۋە ئەمەلىي ئىجرا قىلىشى ئارىسىدا زور پەرق بارلىقى مەلۇم بولغان.
خەۋەردە يەنە بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ 2021-يىلى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بىر پىلانىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ پىلان لايىھەسىنى باھالاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 564 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2020 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق