يەنە بىر لاگېر شاھىتى سۈكۈتىنى بۇزدى

يەنە بىر لاگېر شاھىتى سۈكۈتىنى بۇزدى

29-ئاپرېل ۋەتەندىن چىققىلى سەككىز ئاي بولغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم سۈكۈتىنى بۇزۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جازا لاگېرىدا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر كۈنلىرىگە گۇۋاھلىق بەردى.

تۇرسۇنئاي خانىم قازاقىستان گىراژدانى بولغان يولدىشىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا ئۇزۇن مۇددەت ئەرز قىلىشى نەتىجىسىدە ئۆتكەن يىلى 10-ئاي ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستاندىن قازاقىستانغا كەلگەن. تۇرسۇنئاي خانىم ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، سەككىز ئايدىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، خەلقئاراغا ئاشكارىلىماي ياشىشى ئۇنى قاتتىق قىينىغان. ئاخىرى ئۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن قازاقىستانغا مېڭىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭدىن چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى ھەققىدە باشقىلارغا تىنماسلىققا تىلخەت ئالغان. شۇنداقلا ئەگەردە بۇلارنى خەلقئارادا ئاشكارىلىسا، بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى جازالايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ جازا لاگېرىدا نۇرغۇنلىغان ياشلار، چوڭلار ۋە ئۆلىمالارنىڭ قىيىن-قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە، نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلارنىڭ خورلىنىپ، ئەقلىدىن ئاداشقانلىقىغا شاھىت بولغان. ئۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ تەدبىر قوللانماي، مۇشۇ ۋەزىيەت داۋام قىلسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يوقىلىپ كېتىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئۇنىڭ يولدىشى قازاقىستان گىراژدانى بولسىمۇ ۋە سەككىز ئايدىن بېرى نۇرغۇن يوللارنى ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى قازاقىستان گىراژدانلىققا ئالمىغان. ئۇ ھازىرچە ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن قازاقىستاندا ياشىماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1744 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2020 18:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق