خىتاي دائىرىلىرى ھەربىي توقۇنۇش ئېھتىماللىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان

رويتېر ئاگېنتلىقى يېقىندا خىتاينىڭ مۇھىم بىر ئىچكى ماتېرىيالىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ماتېرىيالدا خىتاي دائىرىلىرى كەلگۈسىدىكى ئېغىر ۋەزىيەتتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

مەزكۇر مەخپىي دوكلاتنى خىتاي بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ قارمىقىدىكى دىپلوماتىيە تەتقىقات مەركىزى ئالدىنى ئايدا خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا يوللىغان.
دوكلاتتا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشى سەۋەبلىك، خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىنىڭ 1989-يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسى مەزگىلىدىكى ۋەزىيەت بىلەن تەڭلىشىپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يامانلىشىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز ھەربىي توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلىنىپ، خىتاي رەھبەرلىرىنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان.
رويتېر ئاگېنتلىقى مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ھەقتە توختىلىشنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسىمۇ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارادا كۈچىيىۋاتقان خىتايغا قارىتا دۈشمەنلىكتىن، ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ مەلۇم بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئالدىنقى يەكشەنبە بىر خەۋەر پىروگراممىسىدا: «كۆپ مىقداردىكى دەلىل-ئىسپات ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقىنى دەلىللىدى» دېگەنلەرنى تەكىتلەپ، خىتاينى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەرىكىتى كۈچىيىشكە باشلىماقتا.

بۇ خەۋەر 550 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2020 11:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق