خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىك ئارتىسلار ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلدى

خىتاي دائىرىلىرى كىنوچىلىق ساھەسىنى ئىزچىل ھالدا قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىندا خوڭكوڭ ۋە تەيۋەننىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى شەخسلەرگە بولغان باشقۇرۇشنى يېڭى بىر دەرىجىگە كۆتۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كىنو-فىلىم ئىدارىسى ۋە ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار ھەرقايسى كىنو شىركەتلىرىگە ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، سىياسىي مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىك ئارتىسلار، رېژىسسورلار ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملار بىلەن توختام تۈزمەسلىككە بۇيرۇغان.
يېڭى چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىك ئارتىسلارنىڭ ۋە بۇ ساھەدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ «ئون يىلغىچە ئىدىيەدە دۇرۇس بولۇش ئەھدىنامىسى»گە ئىمزا قويۇشى كېرەكلىكى، يەنى ئون يىلغىچە «ۋەتەننى، پارتىيەنى سۆيىدىغان» سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇشى كېرەكلىكى، ئەگەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا، خىتاي تەرىپىدىن پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغانلىقى ۋە تۆلەم تۆلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ بۇ نىزامنى قانداق ئىجرا قىلىدىغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭ ۋە تەيۋەننىڭ كىنوچىلىق ساھەسىگە، پىكىر ئەركىنلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بىر قىسىم شەخسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىزچىل ھالدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نازارەت ۋە كونترول قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، بۇرۇن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ خىتاينى قوللايدىغان ياكى قارشى چىقىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ يېڭى نىزام ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇنداق بىر قارارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن خىتايدا پۇل تېپىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويغان.

بۇ خەۋەر 492 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2020 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق