ھۈسەيىنخان تەجەللىنى تونۇۋالايلى

 بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن مەشھۇر ئالىم، تېۋىپ، خىمىك ۋە ئاسترونوم ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە سۈرەتلىرىنى ئىزدەش جەريانىدا ئۇنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق بىر قانچە خىل رەسىم ۋە سۈرىتىنى تاپقان ئىدىم. بۇ رەسىم ۋە سۈرەتلەردە تەجەللى ھەزرەتنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىلىمۇ ئوخشىمايتتى. بۇ سۈرەتلەرنى تەكشۈرۈپ، سۈرۈشتە قىلىپ، كېيىن تەجەللى ھەزرەتنىڭ ئەسلى سۈرىتىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدىم. كېيىن قارىسام ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى جۈمە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا تەجەللى ھەزرەتنىڭ سۈرىتىنى مەندىن بۇرۇن «ئۇلۇغ ئالىم ھۈسەيىنخان تەجەللى ۋە ئانا تىل ھەققىدە تەييارلانغان ئەسەرلەر» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىپ بولغان ئىكەن.

 تەجەللىنىڭ تەرجىمىھالىدىكى چىراي شەكلىنىڭ تەسۋىرى

ھۈسەيىنخان تەجەللى ئوتتۇرا بوي، چاچ-ساقاللىرى قويۇق، ئۇستىخانلىرى چىڭ، قاڭشارلىرى ئىنچىكە، چىرايلىق ۋە تۈز، بۇغداي ئۆڭلۈك، چىرايىدا تەبەسسۇم، مېھىر- مۇھەببەت جۇلالىنىپ، كۆزلىرىدىن تەپەككۇر نۇرلىرى يېغىپ تۇرىدىغان، جەسۇر ئىرادىلىك كىشى بولۇپ، ئىلىم بىلەن كۆپ شۇغۇللانغانلىقى، تۇرمۇشى رىيازەت بىلەن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بەدىنى ئورۇقراق ئىدى.

تەجەللىنىڭ ئەسلىدە سۈرەت ئاپپاراتى بىلەن تارتىلغان سۈرىتى بار بولۇپ، تەجەللى ھەزرەتنىڭ يۇقىرىقى چىراي شەكلىنىڭ تەسۋىرىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئەمما باشقا رەسىملەرنىڭ ھەممىسى خىيالىي سىزغان رەسىم بولۇپ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تەجەللىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن.

ئەمما نېمىشقىكىن تەجەللىنىڭ ئۆزىنىڭ سۈرىتى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق رەسمىي يىغىنلاردا ياكى كىتاب، ماتېرىياللاردا ئىشلىتىلمىگەن. ھەتتا ئاكادېمىيە سەۋىيەسىدىكى يىغىنلاردىمۇ يەنە شۇ تەجەللى دېيىلگەن خىيالى سىزما رەسىم ئىشلىتىلگەن. تېخى يېقىندا چىققان مەلۇم بىر ژۇرنالمۇ يەنە شۇ رەسىمنى ئىشلەتكەن.

مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقىمىزنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولغان تەجەللىنىڭ سۈرىتىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.

سىلەر كۆرۈۋاتقان ئاپپارات بىلەن تارتىلغان سۈرەتتىكى كىشى ھۈسەيىنخان تەجەللى بولىدۇ. بۇ سۈرەتتىن باشقا بارلىق سىزما، خىيالى رەسىم بولسا تەجەللىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازى ئەمەس.

ھۈسەيىنخان تەجەللى

 ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى، مەشھۇر ئالىم، داڭلىق تېۋىپ، شائىر، خىمىك ۋە ئاسترونوم ھۈسەيىنخان تەجەللى ھىجرىيە 1262-

(مىلادى 1848-يىلى) قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى زۇڭلاڭ يېزىسىدىكى قۇتبىدىن شاھ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تەجەللىنىڭ تۇلۇق ئىسمى قۇتبىدىن شاھ ئوغلى ھۈسەيىنخان تەجەللىدۇر.

سەئىد قۇتبىدىن شاھ ئايالى بىلەن گۆدەك تەجەللىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان. تەجەللى باشلانغۇچ مەكتەپنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇغان. ئوغلىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىلىمگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئىجتىھاتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلغان سەئىد قۇتبىدىن شاھ ئۆز پەرزەنتىنى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئايالى بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ، دېھلى شەھىرىدە ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغان. تەجەللى ئىمتىھاندىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتكەندىن كېيىن «دېھلى دارىلئۇلۇم»دا ئاندىن ئىراننىڭ «ئىسپاھان دارىلفۇنۇن»دا، ئاخىرىدا ئافغانىستاننىڭ «كابۇل دارىلفۇنۇن»دا ئوقۇپ، ھەر تەرەپلىمە بىلىم تەھسىل قىلغان.

 تەجەللى ئىسلام دىنى ئىلمىدە ۋە دۇنياۋى مۇھىم پەنلەردىن تېبابەت، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات، تارىخ، لوگىكا، تەبىئەت، ئاسترونومىيە، خىمىيە، مېدىتسىنا، ماتېماتىكا قاتارلىق

پەنلەردە ئالىي مەلۇماتقا ئىگە ھەقىقىي ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز دەۋرىدىكى ئالىم، ئەدىبلەر ئۇنىڭغا «تەجەللى-مۇجەللى» دېگەن تەخەللۇسنى قويۇشقان. «تەجەللى-مۇجەللى» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «تەجەللى» چاقناپ تۇرغان نۇر، «مۇجەللى» مۇسابىقە مەيدانىدا بىرىنچىلىكنى ئالغۇچى، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

تەجەللى بىر قانچە دۆلەتتىكى مەدرىس ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، ئوقۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن مەككە، مەدىنە، دېھلى، كابۇل، تېھران، تۈركىيە، ھەتتا رۇسىيەلەرگىچە بېرىپ ساياھەت ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن خېلى بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ.

تەجەللى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي ئۇنىڭ ئىلمىي قابىلىيىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىكەنلىكى جامائەتكە مەلۇم بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى ياركەنت ۋالىيسى تەجەللىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئاتىسى بىلەن بىرگە ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ، ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. تەجەللى كېيىن قەشقەرگە بېرىپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ياقۇپ بەگ بىلەن كۆرۈشىدۇ. تەجەللى بۇ كۆرۈشۈشتە ياقۇپبەگنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتى ۋە ئىنئاملىرىغا ئېرىشىدۇ.

ھۈسەيىنخان تەجەللى 1927-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 11-كۈنى سەيشەنبە كەچ 79 يېشىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 9862 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2020 22:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق