خۇ شىجىن: خىتاي يادرو قورالىنى كېڭەيتىشى كېرەك

خىتاينىڭ مۇھىم تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن تۈنۈگۈن سىنا مىكرو بىلوگىدا يازما يوللاپ، خىتاينىڭ يادرو قورالىنى كېڭەيتىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.

ئۇ يازمىسىدا خىتاينىڭ «ئاۋۋال يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك» ھەققىدە ۋەدىسى بارلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك «قارا نىيىتى»گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ يادرو ئوق بېشىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مىڭغا يەتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە «شەرق شامىلى-41» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئاز دېگەندە يۈز تال بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خۇ شىجىن بۇ يازمىسىنى يەنە تىۋىتتېردا تارقىتىپ، خەلقئاراغىمۇ ھەيۋە كۆرسەتكەن، شۇنداقلا بۇ يازمىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا زور تۈركۈمدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خىتايدىمۇ پىكىر ئەركىنلىكى بارلىقىنى، بۇ مەسىلىنى خۇ شىجىننىڭ ئۆزىدىن سوراش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

بۇلتۇر 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە خىتاي 290 تال يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 599 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2020 11:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق