سىچۈەن ئۆلكىسىدە يەنە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

سىچۈەن ئۆلكىسىدە يەنە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستى مىيەن ناھىيەسى بىلەن شىدې ناھىيەسى تۇتاشقان ئورماندا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
8-ماي سائەت ئالتىگىچە شىدې ناھىيەسى ۋە مىيەننىڭ ناھىيەسىدە ئوت ئۇچقۇنلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن شەرقىي لىنىيە ئاساسلىق ئەۋج ئېلىش يۆنىلىشى بولۇپ قالغان. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جاينىڭ يەر شەكلى تىك بولغاندىن سىرت،يەنە تۆت-بەش بال شامال چىققان.
سىچۈەن ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باش ئەترىتىدىن 280 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:30دا ئوت كەتكەن جايغا ئەۋەتىلگەن. ئوتنىڭ كۆلىمى زور بولغاچقا، يەرلىكتىكى 800 كىشى ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشقان بولسىمۇ، ئوتنى كونترول قىلالمىغان. پەنجىخۇا ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماق ئەترىتىگە تەۋە 140 ئەسكەر ۋە باش ئەترەت ئالاھىدە ۋەزىپە چوڭ ئەترىتىدىكى 142 ئەسكەرمۇ ياردەمگە ئەۋەتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئورمانلىقتا شامال كۈچلۈك بولغاچقا، ئوت تېزلىكتە ئەتراپقا يامراپ، كونترول قىلىش مۇمكىن بولمىغان.

بۇ خەۋەر 649 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2020 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق