ۋۇخەندە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئۇدا ئىككى كۈن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ۋۇخەن شەھىرىدە بىر ئايدىن بېرى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان. ئەمما بۇ ۋەزىيەت تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن بولۇپ، تۈنۈگۈن ۋۇخەندە يېڭىدىن بىر يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. بۈگۈن يەنە يېڭىدىن بەش يۇقۇملانغۇچىنىڭ كۆپەيگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.
ئۇندىن باشقا پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىمۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىققان بولۇپ، 10-ماي بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار 17گە يەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرى ئىزچىل ھالدا خەلقئارانىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەر ئۈزۈلمىگەن. ئالدىنقى مەزگىللەردە يەنە خىتاينىڭ «يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار يوق» دېگەن نەتىجىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىشنى رەت قىلغانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنى يوشۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 488 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2020 20:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق