خىتاينىڭ يەنە بىر شەھىرىنى قايتىدىن قامال قىلىشقا مەجبۇر بولدى

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شۇلەن شەھىرىدە يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلار 22 گە يەتكەن بولۇپ، يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلەر قايتىدىن چىڭىتىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 7-مايدىن ھازىرغىچە شۇلەن شەھىرىدە 2500 گە يېقىن كىشىلەرنى تەكشۈرگەن بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار 22 گە، ئۇلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغانلار 367 گە يەتكەن.

جىلىن شەھىرى دائىرىلىرى دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەكتەپلەردىكى بارلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى توختىتىپ، توردا دەرس ئۆتۈشكە ئۆزگەرتكەن. ۋوگزاللارمۇ قاتناشنى توختاتقان.

جىلىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇلاردىن سىرت يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بارلىق قاتناش لىنىيەسى توختىتىلغان. كىنوخانا، تەنتەربىيە زالى ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلار تولۇق تاقالغان. بارلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلەر مەنئىي قىلىنغان.

نۆۋەتتە جىلىن شەھىرى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ خالىغانچە كىرىپ-چىقىشى چەكلەنگەن. ئۇندىن باشقا شۇلەن شەھىرىمۇ يۇقىرى خەتەرلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەن.

بۇ خەۋەر 613 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2020 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق