نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: دوكتور دىلشات ئابلا

دوكتور دىلشات ئابلا (ياپونىيە)

(چەتئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

ئىنىمىز دىلشات 1962-يىلى ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئاتلاپ ئوقۇش تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى قېتىم يۇقىرى يىللىققا ئاتلاپ ئوقۇپ، 16 يېشىدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، 1978-يىلى 3-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن «شىنجاڭ» تېببىي ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن دىلشات ئابلا ئەينى ۋاقىتتا «شىنجاڭ» تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ داۋالاش فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان 120 ئوقۇغۇچىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، دەسلەپتە سىنىپ مەسئۇللىرى ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكى ۋە دەرس ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ ماڭالىشىدىن ئەنسىرەشكەن. لېكىن دىلشات خىتايچە تىل ئۆگىنىشتىن باشلاپ، قىيىن كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلەشكىچە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئوقۇش نەتىجىسىدە سىنىپنىڭ ئالدىدا ماڭغان. ئۇ بىر يىللىق خىتايچە ئۆگىنىش بىلەنلا كەسپىي دەرسلەرنى پۈتۈنلەي خىتايچە ئاڭلاپ چۈشىنىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغاندىن باشقا، قوشۇمچە ھالدا ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ماڭغان. 1983-يىلى 12-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملاپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ شۇ يىلى «شىنجاڭ» تېببىي ئىنستىتۇتىدا خىزمەتكە ئېلىپ قېلىنغان.

دىلشات «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دىن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش ئۈچۈن بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ، 1990-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. 1992-يىلى ياپونىيەدىكى ئىككى يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، «شىنجاڭ» تېببىي ئىنستىتۇتىغا قايتىپ، 1996-يىلغىچە شۇ مەكتەپنىڭ فىزىيولوگىيە كافېدراسىدا لېكتور ۋە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1996-يىلى قايتىدىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ، 2001-يىلى ياپونىيەنىڭ چىبا ئۇنىۋېرسىتېتى (Chiba University) مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ نېرۋا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

ئىنىمىز دىلشات 2001-يىلىدىن 2004-يىلى 3-ئايغىچە ياپونىيە پەن-تېخنىكىنى يۈكسەلدۈرۈش ئورگىنى (Japan Science and Technology Agency, JST)دا دوكتور ئاشتى، 2004-يىلدىن 2012-يىلى 3-ئايغىچە ياپونىيەنىڭ رىكەن (RIKEN) مېڭە تەتقىقات مەركىزى (Brain Science Institute, BSI)دە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. رىكەن دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئورۇن ياپونىيە بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتلىك تەتقىقات ئىدارىسى بولۇپ، بۇ يەردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تاللىنىپ قوبۇل قىلىنغان تەتقىقاتچىلار ئىلغار شارائىت ۋە ياخشى ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەن ھالدا يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئورتاق تىل سۈپىتىدە ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ.

دىلشات بۇ ئىدارىدىكى تەتقىقاتى جەرياندا ئادەملەر دەسلەپكى تىل قوبۇل قىلىش، ئەستە قالدۇرۇش ۋە بۇيرۇقلارنى ئورۇنداش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئىجرا قىلغاندا ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ ئىچىدە قانداق تەرەققىيات باسقۇچلىرى ۋە نېۋرونلۇق ھەرىكەت ئۆزگىرىشلىرى يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئائىت بىر يۈرۈش تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. دىلشات ئاشۇ تەتقىقاتلار ئۈچۈن مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى (EEG)، قىزىلغا يېقىن ئىنفىرا نۇرى (NIRS) ۋە فۇنكسىيەلىك ماگنىتلىق رېزونانس سۈرەتلەشتۈرۈش (fMRI) قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

ئۇ كىشىلەرنىڭ يات تىلغا ئوخشاش يېڭى بىر يۈرۈش چاتما ئۇچۇرنى ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئۆگىنىش نەتىجىلىرى بىلەن نېرۋىلىق ھەرىكەت ئۇچۇرلىرىنىڭ تاناسىپلىق ئۆزگىرىشى، يەنى ئۆگىنىپ بولغانلار بىلەن تېخى ئۆگىنەلمىگەنلەرنىڭ مېڭىدىكى پەرقى ۋە نېرۋىلىق ھەرىكەت ئورۇنلىرى ھەققىدە يېڭى بايقاشلارنى ھاسىل قىلغان. ھەمدە «ئۆگىنىش كۆرسەتكۈچى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ يېڭى نەتىجىلىرى 2008- ۋە 2009-يىللىرى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان ھەمدە ياپونىيەدىكى ئىلىم-ئۇچۇر تور بەتلىرىدە ۋە ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى NHKنىڭ «ئىنسانلار تىلىنىڭ بارلىققا كېلىشى» دېگەن ئالاھىدە پىروگراممىسىدا تونۇشتۇرۇلغان.

 دوكتور دىلشات ئابلا ھەر خىل تەپەككۇر، تونۇش، ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئادەم مېڭىسىنىڭ ئالىي ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئائىت مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن توغرا ۋە تېز ئايرىشقا ئائىت يېڭى ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ چىققان ۋە بۇ ئۇسۇللارنى مېڭە سىگنالى بىلەن ماشىنا باشقۇرۇش (Brain-machine Interface, BMI) ساھەسىگە تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇ تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياشانغانلار ئۈچۈن مېڭە سىگنالى ئارقىلىق ئاپتوموبىل تورمۇزىنى باشقۇرۇش، پۇت-قولى پالەچ بولۇپ قالغان بىمارلار ئۈچۈن مېڭىنىڭ ئوي-تەپەككۇرى بىلەنلا ماشىنا ئادەم ۋە چاقلىق ھارۋىلارنى باشقۇرۇپ، ئۆز ھاجەتلىرىدىن چىقىرىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

 مېڭە ئۇچۇرى بىلەن سىرتقى ماشىنا ئاپپاراتلارنى باشقۇرۇش (BMI) تېخنىكىسى دېگىنىمىز، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوزغىلىشىدىن كېلىپ چىققان مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنلىرى (EEG) ئارقىلىق ماشىنا ئادەم، چاقلىق ئورۇندۇق ۋە لامپۇچكا قاتارلىق سىرتقى ماشىنا ئاپپاراتلارنى باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. پۇت-قولى پالەچ، ئەمما مېڭىنىڭ كۆپلىگەن ئالىي ئىقتىدارلىرى نورمال بىمارلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېڭە تەپەككۇرى، يەنى مېڭە بۇيرۇقىنى بىۋاسىتە ماشىنا ئادەم ۋە چاقلىق ھارۋا قاتارلىق سىرتقى ئاپپاراتلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، بىمارلارنىڭ تەلەپلىرى بويىچە مۇلازىمەت قىلدۇرۇش BMI تەتقىقاتىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىدۇر.

دوكتور دىلشات ئابلا ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللاردا يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تەتقىقات مېۋىلىرىنى مەزمۇن قىلغان ۋە بىرىنچى ياكى قوشۇمچە ئاپتور بولغان ئىلمىي ماقالىلەردىن 20 پارچىدىن كۆپرەكىنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، يەنە ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق چوڭ يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەرگەن.

 دوكتور دىلشات ئابلا مېڭە سىگنالى بىلەن ماشىنا-ئاپپاراتلارنى باشقۇرۇش ئىلمىگە ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەھەتتىكى بىلىملىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، يېقىندا ياپونىيەدىكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپتوموبىل كونترول سىستېمىسىنى باشقۇرۇشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان نىككى (NIKKI) شىركىتىگە خىزمەت ئالماشتۇرۇپ كىردى. ئۇ ھازىر ئاشۇ شىركەتتە ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېر، شۇنداقلا كونتروللۇق باشقۇرۇش ۋە لايىھەلەش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ تەتقىقات خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۈزلىگەن سەزگۈچى ئاپپاراتلاردىن قوبۇل قىلىنغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ماشىنىنىڭ مەركىزىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بۇيرۇق كوماندىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش، نېرۋىلىق تورلىشىش تېخنىكىسى، گېنلىق ئالگورىزم تېخنىكىسى ئارقىلىق سىگناللارنى دەلىللەش، كونترول قىلىش قاتارلىقلار دەل ئۇنىڭ مېڭە سىگناللىرى بىلەن سىرتقى ئاپپارات-ماشىنىلارنى باشقۇرۇشتا ئىگىلىگەن تېخنىكىسىغا ماس كەلگەن بولغاچقا، دىلشات بۇ ئەمەلىي خىزمەتكە تېخىمۇ زور ئىشتىياق باغلاۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ مېڭە سىگناللىرى بىلەن شوپۇرنىڭ سەگەكلىك ھالىتىنى بايقاش، ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇز ۋە باشقا كونترول سىستېمىسىنى باشقۇرۇشقا ئائىت يېڭى تەتقىقاتلار بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

دوكتور دىلشات ئابلا ھازىر ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا رايونىدا ئايالى ۋە ئىككى پەرزەنتى بىلەن بىرگە ياشايدۇ.

 تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا دوكتور دىلشات ئابلا ھەققىدە يەنە بىر قىسىم ئۇچۇرلار بار:

 http://www.researchgate.net/profile/Dilshat_Abla2

 

مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150313_chetel_uyghur3.htm?fbclid=IwAR3UnIAaF-Hjvccv6RG9HyuJ1mfka1wcqtHCIYdKmGuCkhxtKQrgQ5Fw8Bs

 
بۇ خەۋەر 10297 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2020 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق