خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە بىر مۇھىم خەۋەرنى تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرۈۋەتتى

ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرى ۋە جىلىن ئۆلكىسىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پەيدا بولۇشى خىتاينى قايتىدىن ئالاقزادە قىلغان بولۇپ، دائىرىلەر ۋۇخەن شەھىرىدىكى بارلىق پۇقرالارنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

تۈنۈگۈن خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇنىڭغا ئالاقىدار خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ۋۇخەن شەھىرىدىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ %6~5 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، بۇندىن بۇرۇن ئون مىليون ۋۇخەن ئاھالىسىنىڭ كەمىدە 500 مىڭى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، يوشۇرۇن بىمارلارنىڭ %95 كە يېتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەر خىتاينىڭ سىنا خەۋەرلىرى، مالىيە خەۋەرلىرى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئەمما گۇگېل تورىدا يەنىلا خەۋەرنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسى ساقلىنىپ قالغان.

ئەسلى خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 11 مىڭدىن ئارتۇق ۋۇخەن ئاھالىسىنىڭ قېنىنى تەكشۈرگەندە %6~5 كىشىدە ئانتىتېلا مۇسبەت چىققان. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەينى ۋاقىتتا ئاز دېگەندە 500 مىڭ ۋۇخەن ئاھالىسىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، ئەمما بايقالمىغانلىقى ياكى ئىستاتىستىكىغا قوشۇلمىغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ خىتاي دائىرىلىرى مەلۇم قىلغان ساندىن ئون ھەسسە ئارتۇق چىققان.

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۆلگۈچىلەر ھەققىدىكى سانلىق مەلۇمات ئىزچىل ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق خەۋەر ئۆچۈرۈش ۋەقەسى بۇ ھەقتىكى گۇماننىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن.

 
بۇ خەۋەر 643 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2020 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق