خىتاي قۇرۇلتىيىدا سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەندى

خىتاي قۇرۇلتىيىدا سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەندى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا «دۈشمەن كۈچلەر»نىڭ سىڭىپ كىرىشىگە زەربە بېرىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ خىتاي مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا دوكلات بېرىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، سىڭىپ كىرىش، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى، ئۇلارغا قارىتا يۇقىرى بېسىمنى ساقلايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، جوۋ چياڭ دوكلاتتا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2019-يىلدىكى ئاساسلىق خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 34 مىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك سوتلارنىڭ 29 مىليون 222 مىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، بۇلتۇر چىرىكلىككە قارىتا قاتتىق جازا يۈرگۈزۈپ، چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىدىن 25 مىڭنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ 29 مىڭ كىشىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 27 كىشى مەركىزىي تەشكىلات تارمىقىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى كادىرلار ئىكەنلىكىنى، چەتئەلدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلونىڭ 321 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە ئاتالمىش دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، ئاغدۇرمىچىلىقى ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىشنى، رەزىللىكنى يوقىتىش ۋە زوراۋانلارغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 668 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2020 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق