خىتاي گېنىرالى تەھدىت قىلدى

خىتاي گېنىرالى تەھدىت قىلدى

خىتاينىڭ باش ئىشتان باشلىقى لى زۇچىڭ (Li Zuoçıng)، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 15 يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەنگە تەھدىت قىلغان.
لى زۇچىڭ قىلغان سۆزىدە؛ ئەگەر تەيۋەندىكى مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلغۇچىلار ھەرقانداق ئىسىم ۋە شەكىلدە تەيۋەننى خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىش- ھەرىكەتلەردە بولسا، تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ئېھتىمالى قالمىسا، خىتاي ئارمىيەسى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى بويىچە خىتاي ۋە تەيۋەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى بۆلۈنۈپ چىقىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىگىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بارلىق سۈيقەستلەرنى بىتچىت قىلىپ، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارنى قەتئىيلىك بىلەن تارمار قىلىدۇ، دېگەن.
لى زۇچىڭ خىتاينىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئاز ساندىكى تەجرىبىلىك گېنىراللىرىدىن بىرسى بولۇپ، سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە؛ تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، بىز تەيۋەن مەسىلىسىگە ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. بىز تەيۋەن مەسىلىسىدە ھەرقانداق تەدبىر ئىشلىتىشكە تەييار، دېگەن.
2016- يىلى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىش تەرەپدارى بولغان تسائى ۋېن (Tsai Ing-wen) غەلىبە قىلىپ تەيۋەننىڭ باش مىنىستىرى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتى كۈندىن كۈنىگە يىرىكلىشىپ ماڭغان. خىتاي دائىرلىرى تەيۋەنگە بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىرگە تەيۋەن بىلەن سىياسى مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرگىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان. نەتىجىدە 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە تەيۋەن بىلەن سىياسى مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەردىن سان سالۋادور، دومىنىكا، سولومون تاقىم ئاراللىرى، بۇركىنا ڧاسو قاتارلىق 7 دۆلەت تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. خىتاي دائىرلىرى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى خىتاي ۋىرۇسى (Kovid-19) مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 73- قېتىملىق يىغىنىغىمۇ بېسىم ئىشلىتىپ تەيۋەننىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىنى توسۇپ قالغان ئىدى

بۇ خەۋەر 946 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2020 07:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق