خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى قۇرۇشنى پىلانلىغان

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى قۇرۇشنى پىلانلىغان
جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 2- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى (CADIZ) قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان. بىلدۈرۈلىشىچە، ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى ھاۋا بوشلۇقىغا ئوخشىمايدىكەن. گەرچە خىتاي ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى قۇرۇپ چىقماقچى بولغان رايونغا ئالاقىدا خەلقئارا قانۇنلاردا باشقۇرۇش تەۋەلىكى بولمىسىمۇ ، ئەمما كىرمەكچى بولغان ئايروپىلان چوقۇم دۆلەت ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرىشنىڭ ئالدىدا قارشى تەرەپكە خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك ئىكەن.
خىتاي ئارمىيەسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شەخسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي 2010-يىلدىن باشلاپ CADIZ قۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ زېمىن ماجىراسى بار سپراتلى ئارىلى (خىتايچە ئىسمى: نەنشا تاقىم ئارىلى) ۋە پلاتاس ئارىلى (خىتايچە ئىسمى: دوڭشا ئارىلى) بار ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى قۇرۇش رەزىل پىلانىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق پەيت كۈتمەكتە ئىكەن. ئەگەر خىتاي راستىنلا جەنۇبىي دېڭىزدا CADIZ نىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلسا ، ئامېرىكا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىكەن. رايون جىددىيلىكى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىكەن.
2013-يىلى 12-ئايدا ، خىتاي بىر تەرەپلىمە ھالدا شەرقىي دېڭىزدا (دىياۋيۈ ئارىلى) دۆلەت مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى ( CADIZ ) قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. نەتىجىدە ئامېرىكا ، ياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا ، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا( CADIZ )نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان. جەنۇبىي دېڭىز خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن يىراق ئىكەن. قانداقلا بولمىسۇن ، خىتاي ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئايرودروم بىلەن سۈنئىي ئارال قۇرغان ھەمدە ئۇ يەرگە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئايروپىلانى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتقا قارشى چارلاش ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇپ جەنۇبىي دېڭىزدا( CADIZ )قۇرۇشنىڭ ئالدىن تەييارلىقىنى قىلغان.

بۇ خەۋەر 622 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2020 20:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق