خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى تېررور خاراكتېرىنى ئالغان يېڭى نىزامنامە ئېلان قىلدى

خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى تېررور خاراكتېرىنى ئالغان يېڭى نىزامنامە ئېلان قىلدى
خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى 31- ماي يېڭى ئەرزىيەت نىزامنامىسى ئېلان قىلىپ، خىتاي سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ زوراۋانلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر نىزامنامىدە پۇقرالارنىڭ ئەرز – شىكايەت داۋامىدىكى 32 خىل ھەرىكىتى قانۇنسىز قىلمىش قاتارىدا جازالىنىدىغانلىقى، 32 خىل ھەرىكەتكە چېتىلغان پۇقرالار جازالىنىپلا قالماي بەلىكى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەمدە بىۋاستە تۇغقانلىرىمۇ جازالىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
نىزامنامىنىڭ تەپسىلاتى بولسا، دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلىش، خىتاي رۇخسەت قىلمىغان يوللار بىلەن ئەرز قىلىش، ئەرز-شىكايەت ئورۇنلىرىدا تۇرۇۋېلىش ۋە چاتاق چىقىرش، ئەرز - شىكايەت قۇبۇل قىلىش ئورۇنلىرىدا گۈل چەمبىرەك، جەسەت كۈلى دېگەندەك نەرسىلەرنى تىزىپ قويۇش، ئارتۇق ھاياجان بىلەن شىكايەت بىلدۈرۈش، توپلىشىپ ئاممىۋىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش، ئاپتوموبىلغا ئۆزىنى ئېتىش، نورمال قاتناشقا تەسىر يەتكۈزۈش، مەقسەتلىك يالىڭاچ بولىۋېلىش، ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۈلۋېلىش، تور بەتلەردە سۆز-چۆچەك تارقىتىش قاتارلىقلار ئىكەن.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى نىزامنامە ئارقىلىق خىتاي كوممونىستىك پارتىيەسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە قاتتىق جىددىيچىلىك ئىچىدە قالغانلىقى ھەمدە خىتاي تېررور سىياسىتىنى خەلقئاراغا نامايان قىلىغان. خىتاينىڭ ئىلگىرى جىنايەتنى كىم قىلسا جاۋابكارلىققا شۇ كىشى تارتىلىدىغانلىقى ھەققىدە قانۇنى بار بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنماي جىنايەت بېكىتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىنى بىر قانچە يىل ھەتتا بىر ئۆمۈر تەقىب ئاستىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ئەمدىلىكتە ھەقىقى تېررور قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، جىنايەت بېكىتىلگەن كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە بىۋاستە تۇغقانلىرىنىمۇ قوشۇپ جازالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ھەمدە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 956 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2020 18:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق