خىتاينىڭ لىنشيادا 400 مەسچىتنى چاقماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ لىنشيادا 400 مەسچىتنى چاقماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى
زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى كۆپلىگەن مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەزلىرى ۋە ھىلال ئاي بەلگىلىرىنى مەجبۇرىي چېقىش ۋە خىتاي مەدەنىيەت ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە، يەنە 400 مەسچىتنى چېقىشنى پىلانلىغان.
خىتاي بۇ يىل مارت ئېيىدا گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيادىكى مەسچىتلەرنى ئومۇميۈزلۈك خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان. لىنشيا شەھىرىدە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نەنگۇەن مەسچىتى، چيەنخېيەن مەسچىتى، بەيجياجۇاڭ مەسچىتى قاتارلىق مەسچىتلەرنىڭ گۈمبىزى ۋە ھىلال ئاي بەلگىلىرىنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
شۇ يەردىكى بىر ئەمەلدارنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە لىنشيا شەھىرىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر شۇ يەردىكى نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەرنى خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتكەن. شى جىنپىڭ ئالدىنقى يىلى گەنسۇدا خىزمەت تەكشۈرگەندىن كېيىن يەرلىك ئەمەلدارلار مەسچىتلەرنى خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتكەن. شۇنداقلا يەنە لىنشيادا كەم دېگەندە 400 مەسچىتنى چېقىشنى پىلانلىغان. مەسىلەن: مەلۇم بىر بازاردا ئۈچ مەسچىت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەقەت بىرنى قالدۇرۇپ قويغان. ئۇندىن باشقا يەنە پىڭلياڭ شەھىرى، لەنجۇ شەھىرى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسى قاتارلىق باشقا نۇرغۇن جايلاردىكى مەسچىتنى خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرغان.
لەنجۇ شەھىرىدىكى خەيشىۋەن مەسچىتى، چېڭگۇەن رايونىدىكى گۇڭلىن يولى مەسچىتى ۋە چىلىخې رايونىدىكى تۇمېندۈن مەسچىتى قاتارلىق مەسچىتلەر خىتايغا ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىلگەن . مەسچىتلەرنى خىتاي مەدەنىيەت ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بەزى تۇڭگانلار خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىققا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر نومۇسلۇق تارىخ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
لەنجۇ شەھىرىدىكى بىر مۇسۇلمان كىشى مۇخبىرغا ئاشكارىلاپ: «خىتاينىڭ بۇ ئۇسۇلى قانۇنسىز. ئەگەر قانۇنلۇق بولسا، نېمىشقا مەسچىتنىڭ كىرىش ئېغىزىغا "سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ" دەپ ئېلان چىقىرىدۇ؟ شى جىنپىڭ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. كىم مەسچىتنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلمىسا شۇنى تۇتۇپ كەتتى. ۋىرۇس مەزگىلىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىق باھانىسى تۇتۇپ كېتىلگەنلەر نەگە كەتتى، نەدە ئۆلۈپ كەتتى، ھېچكىم بىلمەيدۇ. مەسچىتنى چېقىش ۋە ئۆزگەرتىش ئەمگەك كۈچىگە ۋە ئىقتىسادقا زىيان سالغاندىن باشقا، بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، بۇ پەقەت كومپارتىيەنىڭ نومۇسسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن

بۇ خەۋەر 594 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2020 14:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق