خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى
خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بىر قانچە ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.
گۇاڭشىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە كەنتلەرنى سۇ بېسىپ، بىر قىسىم بىنالارنى ئېقىتىپ كەتكەن.
گۇاڭشى روڭشۈي ناھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاپەت رايونىدىكى ئاھالىلەر جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان.
خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇنەن جاڭخۇا ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، 16 يېزا ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 118 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەت ئىچىدە قالغان. 3300 گېكتار كۆلىمىدىكى تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەر زىيانغا ئۇچرىغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ۋەيران بولغان يول ۋە ئۆيلەردىن سىرت، ئاپەتتىن كېلىپ چىققان ئومۇمىي زىيان 60 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن

بۇ خەۋەر 987 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2020 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق