خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ھۆججەت تارقاتتى

خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ھۆججەت تارقاتتى
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 10 ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىللىق ئەسكەر تولۇقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.
ئۇقتۇرۇشتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىشنى كۆپەيتىش، ھەربىي خادىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەلا سۈپەتلىك ئەسكەر تولۇقلاش قاتارلىقلارنى تەكىتلەنگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى داۋاملىق ئەسكەرلەرنى داۋاملىق كۆپەيتىپ كەلگەنلىكىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە بۇنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەسكەرلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 952 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2020 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق