خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچىسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى

خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچىسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ 5-ئايدىكى ئىشلەپچىقىرىش مال باھا كۆرسەتكۈچىسىدە (PPI) 2016-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ زور تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ 5-ئايدىكى ئىشلەپچىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچىسى (PPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %3.7 تۆۋەنلىگەن. سانلىق مەلۇماتلار ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىدىكىدىنمۇ ناچار بولغان. يېمەكلىك باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ ئايدىكى ئاھالە ئىستېمال ئىندېكسى (CPI) %2.4 ئۆرلىگەن. خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدىكى خەلقئارالىق يامان تەسىرى سەۋەبلىك بىر قانچە ساھە ئېغىر كىرىزىسقا قاراپ يۈزلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋىرۇس يۇقۇمدىن كېيىن خىتاينىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش ئەمەس، بەلكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاساس قىلغانلىقى خىتايدىكى مىليونلىغان تۆۋەن كىرىملىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى، خىتاي ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىكى پەرقنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
خىتاي ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشى ئارقىسىدا ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى ئىشسىزلىق ۋە ئىش ھەققى تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىنىڭ بىر-ئىككى يىلغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 649 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2020 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق