زىمىستان تورى: خىتاي ۋىرۇسى بۇلتۇر 8-ئايدىلا تارقىلىشقا باشلىغان

زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇر 8-ئايدىلا خىتاي ۋىرۇسىدىن خەۋەردار بولغانلىقى، ئەمما بۇنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇس يېڭىدىن ئاشكارىلانغان ۋاقىتلاردا ۋەزىيەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل 1-ئايدا يېڭى ۋىرۇس تارقالغانلىقىنى خەلقئاراغا ئېلان قىلغان. ئەمما كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە تاراتقۇلار بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىغان ۋە خىتايدا بۇلتۇر 11-ئايدىلا بۇ ۋىرۇسنىڭ بايقالغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
زىمىستان تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يۇقۇمنىڭ باشلىنىش ۋاقتىنىڭ 8-ئايغا سۈرۈلىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ۋە بۇ قاراشنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر تەتقىقاتىدا سۈنئىي ھەمراھدىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق ئىككى يىلدىن بۇيان ۋۇخەن شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا توختىتىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى سېلىشتۇرۇلغان، نەتىجىدە بۇلتۇر 8-ئايدىن باشلاپ توختىتىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى تۇيۇقسىز ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ بەيدۇ تورىدىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتىن تارتىپ «يۆتىلىش، ئىچ سۈرۈش» قاتارلىق ھالقىلىق سۆزلەرنى ئىزدەش سانى كۆپەيگەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنى يوشۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 861 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2020 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق