بېيجىڭدا قايتىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بايقىلىشى خىتايلارنى ئەندىشىگە سالدى

خەۋرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا ئالدىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۈچ كىشى بايقالغان بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى مەزگىللەردە يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، قايتىدىن بايقالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چەتئەلدىن كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن. ئەمما بۇ قېتىم بېيجىڭدا بايقالغان ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ قانداق يۇقۇملانغانلىقى ئېنىق بولمىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى يېمەكلىك بازىرىنى تاقىۋەتكەن. كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانلانغان بولسىمۇ، يېڭى ئەھۋال سەۋەبلىك باشلانغۇچ 3-يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس باشلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بايقىلىشى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قايتىدىن كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يۇقۇمنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 631 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2020 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق